خىتاي قازاقىستانغا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 2 - نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش تەكلىپى بەرگەن
-
2006-04-13 -
-
-
قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى قاسىم جۈمەرت توقايېف، پەيشەنبە كۈنى خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاي - قازاقىستان ئارىسىدا 2 - نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. توقايېف پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدىن ئايرىلىش ئالدىدا قازاقىستاننىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدا خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي قاتلىمىدىكى ئەرباپلارغا سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىغا 2 - نېفىت تۇرۇبىسىنى قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە بۇ پىلان ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
توقايېفنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قازاقىستان نېفىت ئىگىلىكى خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم ساھەگە ئايلىنىپ قالغان. خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىغا ئىلگىرى ئوتتۇرا قازاقىستاندىكى ئاتاسۇدىن ئالاتاۋ ئېغىزىغىچە ياتقۇزۇلغان نېفىت تۇرۇبىسى ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا پۈتتى. توقايېفنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ خىتاي تاشقىي ئىشلارمىنىستىرى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لايىھىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. لېكىن توقايېف، بۇ لايىھىنىڭ تەپسىلىي دېتاللىرى ۋە بۇ قېتىمقى سەپىرىدە يەنە قانداق مەسىلىلەر ئۆستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.
قازاقىستان خىتاينىڭ شاڭخەي گۇرۇھىدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە بېيجىڭ بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى. توقايېفنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار 2010 - يىلغىچە خىتاي - قازاقىستان ئارىسىدىكى سودا ھەجىمىنى 10 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى پىلانلىغان. توقايېف، بېيجىڭدىكى زىيارىتىنى سەيشەنبە كۈنى باشلىغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان بىلەن خىتاي بىرلەشمە ژۇرنال نەشىر قىلىپ تارقىتىشقا باشلىدى
- بېيجىڭ قازاقىستانغا ئاقىدىغان دەريالار مەسىلىسىدە ئۆزىنى ئاقلىدى
- زېڭ چىڭخۇڭ بىلەن نەزەربايېۋ خىتاي - قازاق مۇناسۋەتلىرى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تۇرۇبا يولى يېقىندا پۈتىدۇ
- خىتاي- قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى ئاستانىدە ئېچىلدى