قازاقىستان - خىتاي چېگرا ھالقىغان دەريا سۇلىرىنى ئورتاق باشقۇرۇش كومىتېتى 16 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىنىڭ سۈيىدىن قانداق پايدىلىنىش مەسىلىسى ئۈستىدە 4 - قېتىم يىغىن ئۆتكۈزمەكتە.
ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 21 - ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا تەرەپلەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دەريالار ھەققىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، دەريا سۈيىنىڭ پاكىزلىقىنى قوغداش ۋە كۆزىتىش پونكىتلىرىنى قۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالىشى مۇمكىن. بۇ قېتىمقى يىغىن خىتاي قازاقىستان ۋە رۇسىيىلىك ئېكولوگلارنىڭ ئىلى ۋە ئېرتىش دەريا سۈيىنى ئۆلچەمدىن كۆپ ئىشلەتمەكتە، دەپ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە چاقىرىلدى.
قازاقىستان ۋە رۇسىيىلىك ئېكولوگلار خىتاينىڭ ئېرتىش ۋە ئىلى دەريا سۈيىنى ئۆلچەمدىن كۆپ ئىشلەتكەنلىكى بالقاش ۋە زايسان كۆلىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. خىتاي ئېرتىش دەرياسىنىڭ بىر قىسىم سۈيىنى جۇڭغار قانىلى بىلەن قارامايغا باشلىدى. ئۇلار بۇ قانالنى ئۈرۈمچىگىچە يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ئىلى دەريا ۋادىسىدا نۇرغۇن سۇ ئامبارلىرىنى قۇرغان ۋە كۆچمەن نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلغان.
مۇتەخەسسىسلەر، ئىلى دەرياسى سۈيىنىڭ ئازلاپ كېتىشىنىڭ، قازاقىستان تەرەپتىكى يېزا -كەنتلەرنى ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىنى ۋەيران قىلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي دەريا سۈيىنى ئىشلەتكەندە چوقۇم ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغدىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)