تاڭ جياشۈئەن قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىدۇ


2004.12.07

خىتاي دۆلەت ئىشلار كوممىسارى تاڭ جياشۈئەن، ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلىدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ، سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تاڭ جياشۇئەننىڭ 9 - ۋە 10 - دېكابىر كۈنلىرى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بېشكەكنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بىراق جاڭ چىيۆ، تاڭ جياشۈئەننىڭ قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنىڭ كونكرېت كۈن تەرتىپى ۋە قىرغىزىستان دائىرىلىرى بىلەن قانداق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالمىدى.

قىرغىزىستان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى باستۇرۇش تىرىشچانلىقى، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا ئېرىشكەن.

قىرغىزىستان، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2002 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئېلىش تىرىشچانلىقىنى قوللىغان ئامېرىكا، ئافغانىستان قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ بىرى . خىتاينىڭ قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تېز كۈچىيىشكە باشلىغان. نۆۋەتتە خىتاي بىلەن قىرغىزىستان، قەشقەر بىلەن ئوش ئارىسىغا تۆمۈر يول ياتقۇزۇش پىلانلىماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.