خىتاي قىرغىزىستانغا بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى ئىئانە قىلدى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، قىرغىزىستانغا يەنە بىر تۈركۈم بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى ئىئانە قىلدى، ھەمدە ئۇلارنى تورغات ئېغىزىدا قىرغىزىستان ساقچى دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەسلىھەلەر 30 دانە ساقچى جىپ ماشىنىسى ۋە بىر يۈرۈش قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قىممىتى ئىككى مىليون يۈئەندىن ئاشىدىكەن.

بۇ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 2001 - يىلىدىن بۇيان قىرغىزىستانغا ئىئانە قىلغان تۆتىنچى تۈركۈم ياردەم بويۇملىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى سەيشەنبە كۈنى تورغات ئېغىزىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىئانە تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمىدا، خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ " ئۈچ خىل كۈچ" لەرگە زەربە بېرىش جەھەتتە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئىقتىسادىي ياردەمنى كۈچەيتمەكتە.(ئارزۇ)