تاڭ جياشۈئەن قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلدى


2004.12.10

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاكايېف، قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغان خىتاي دۆلەت كومىسارى تاڭ جياشۈئەن بىلەن كۆرۈشۈپ، قىرغىزىستاننىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش جەھەتتە خىتاي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاكايېف پەيشەنبە كۈنى تاڭ جياشۈئەننى قوبۇل قىلىپ، "قىرغىزىستان بىلەن خىتاينىڭ رايون بىخەتەرلىكى ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلدى، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك ساھەسىدە خىتاي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدۇ،"دەپ كۆرسەتكەن. تاڭ جياشۈئەن، قىرغىزىستاننىڭ خىتاي بىلەن ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش جەھەتتە ئېلىپ بارغان ھەمكارلىقىنى ماختىغان . خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مۇستەقىلچىلەر، سىياسى ئۆكتىچىلەر ۋە ئوخشىمىغان كۆز- قاراشتىكى دىنىي زاتلارنى ئۈچ خىل كۈچلەر، دەپ ئاتىماقتا.

خىتاينىڭ يۇقىرىقى سىياسى گۇرۇھلارنى باستۇرۇش تىرىشچانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بىراق خىتايلار قىرغىزىستاننى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى سىياسى پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. خىتايلار يېقىندا قىرغىزىستانغا 30 دانە ساقچى ماشىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قىممىتى 2 مىليون يۈئەنلىك ماددى ئەسلىھەلەر ئىنئام قىلغان. تاڭ جياشۈئەننىڭ قىرغىزىستاندىكى زىيارىتى پەيشەنبە كۈنى باشلانغان بولۇپ، ئۇ شۇنى ئاكايېف بىلەن كۆرۈشكەن. جۈمە كۈنى قىرغىزىستان باش مىنىستىرى تانايېف ، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئاسقار ئايتماتوفلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بىراق ھەر ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ كونكىرىت مەزمۇنىنى مەخپىي تۇتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.