قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ كېلىشتۈرگۈچى ۋەكىلى خىتاي كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرىنى ئەيىبلىدى
2007.10.05
قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ كېلىشتۈرگۈچى ۋەكىلى (ئومبۇدوسمان) تۇرسۇنباي باقىر ئوغلى ئالدىنقى كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك شەھىرىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قىرغىزىستاندا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي مەدەنچىلىك كارخانىلىرىنى قىرغىزىستاننىڭ مۇھىتىنى بۇلغاش ۋە مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن ئەيىبلىدى.
قىرغىزىستان AK پرەسس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، باقىر ئوغلى خىتاي كارخانىلىرىنى مەشغۇلات جەريانىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى ۋە جالالئابادنىڭ جەنۇبىدىكى چاتقال ئالتۇن كېنىنى قېزىش جەريانىدا مۇھىت مەسىلىسى بىلەن كارى بولمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.
تۇرسۇنباي باقىر ئوغلى، يەرلىك پۇقرالارنىڭ شىكايىتىگە ئاساسەن يېقىندا خىتاي مەدەنچىلىك كارخانىسى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان چاتقالدىكى ئالتۇن كېنىدا رەسمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. باقىر ئوغلى، چاتقالدىكى ئالتۇن كېنى ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسەتنامىسى بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يېتەرلىك بىخەتەرلىك تەدبىر ئېلىنمىغانلىقىنى ۋە ئالتۇن كان ئۈستىدىن لاياقەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالتۇن قېزىش مەشغۇلاتى شۇ جايدىكى دەريا - ئۆستەڭلەرنىڭ بۇلغىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئىچىملىك سۇ ۋە سۇ ئىنشائاتلىرىنىڭ زەھەرلىنىشىگە، دەل-دەرەخ ھەم گۈل - گىيالارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولماقتا. خىتاي، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېنىرگىيە ۋە تەبئىي بايلىقلار ئىگىلىكىگە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رايوندىكى دۆلەتلەر بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە ھەمكارلىقىغا ئېھتىياج بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي تەسىر كۈچىنىڭ رايوندا ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى رۇسىيە-خىتاي بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتناشقانلارنى مۇكاپاتلىدى
- قىرغىزىستان ئالىي سوتى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشنى بىكار قىلدى
- قىرغىزىستان 120 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خەلقئارالىق گۈزەللىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى بىشكەكتە باشلاندى
- خۇجىنتاۋ قىرغىزىستان زىيارىتىنى باشلىدى
- "بىشكەكتە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر تۇتقۇن قىلىنماقتا"
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى، يېڭى كېلىشىملەر ئىمزالىماقچى
- بىشكەك سەنئەتكارلىرى شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ يىغىنىغا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلماقچى