خۇجىنتاۋ قىرغىزىستان زىيارىتىنى باشلىدى
2007.08.14
خىتاي رەئىسى خۇجىنتاۋ دۈشەنبە كۈنى بېشكەك ئايرۇدۇرۇمىغا چۈشۈپ ، بۇ جايدا ئېچىلماقچى بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدىن بۇرۇن قىرغىزىستانغا قاراتقان رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغان خۇجىنتاۋ بۇ زىيارىتى جەريانىدا قىرغىزىستان بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرى تۈزگەن . كۆزەتكۈچىلەر ،قىرغىزىستان ھاكىميىتىدە داۋالغۇش بولۇپ تۇرىۋاتقان، ھەمدە ئىچكى ۋەزىيىتى جىددى بىر پەيتكە توغرا كەلگەن خۇجىنتاۋ زىيارىتى ، باقىيېف ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك دەپ قاراۋاتقان بولۇپ، باقىيېف ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادى ھەمدە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ياردىمىنى كۈتمەكتە.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى خۇجىنتاۋنى ئالاھىد رەسمىيەتلەر بىلەن داغدۇغىلىق كۈتۈۋالغان. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە ، باقىيېف قىرغىزىستاندىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى كۈچلەرنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ھەمدە خۇجىنتاۋ زىيارىتى جەريانىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماسلىققا كۆندۈرگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى خۇجىنتاۋ بىلەن باقىيېف بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ, شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنى تېررورچى دەپ قاراپ بىرلىكتە باستۇرۇشىنى قايتا تىلغا ئالغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەھلىللىرىگە قارىغاندا ، خۇجىنتاۋنىڭ قىرغىزىستانغا قاراتقان بۇ زىيارىتى باقىيېف ھاكىمىيىتىگە قارىتا قوللاش بولۇپلا قالماي خىتاي ئۈچۈنمۇ ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ،خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن قىرغىزىستان بىلەن بولغان ھەر جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلماقتا.
قىرغىزىستان دائىرىلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا قىرغىزىستان تەۋەلىكىدە سودا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن بولۇپ ، 6 - ئايدىن باشلاپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار قىرغىز ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغان ھەم مەجبۇرى چېگرىدىن چىقىرىلىپ كەلمەكتە. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىنى ئەيىبلىدى
- "بىشكەكتە ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر تۇتقۇن قىلىنماقتا"
- قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنستىرى
- ياپونىيە قىرغىزىستانغا ئاكتىپ ياردەم بېرىدۇ
- بىشكەك سەنئەتكارلىرى شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ يىغىنىغا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا
- قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلماقچى
- قۇلۇپنىڭ قىرغىزىستاننى رۇسىيىگە قېتىش تەكلىپى مەركىزى ئاسىيالىقلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى
- ئىسسىق كۆلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېموكراتىك مەركىزى - قىرغىزىستان