خۇ جىنتاۋ، ئاستانا يىغىنىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىدۇ


2005.07.01

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئالدىمىزدىكى سەيشەنبە كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىدىكەن. تېررورىزم مەسىلىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدىكى مەركىزى تېما.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى جاڭ دېگۇئاڭنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەزا دۆلەتلەر تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئالىدىكەن. ئۇ، يىغىندا تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 - ئايدا يۈز بەرگەن قىرغىزىستاندىكى ۋەقە بىلەن ئەنجاندىكى ئىسياننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېڭىيىش مۈمكىنچىلىكى بار، دەپ ئەنسىرىگەن.

جاڭ دېگۇئاڭ، ئەنجاندىكى ۋەقە تېرورچىلار تەرىپىدىن پىلانلانغان ھەرىكەت، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، " قوراللار ئۇنسۇرلارنىڭ مەقسىدى ئۆزبېكىستاندا رادىكال ئىسلام دۆلىتى،" دەپ ئەيىبلىگەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ۋەقەنى باستۇرۇشنى قوللاشتىكى مەقسىدى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش شۇنداقلا ئۆزبېكىستاندىكى ۋەقەنىڭ خىتايدا يۈز بەرمەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشكەن. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى، "خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا نېفىت مەنبەئەسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇقىملىقىغا ئىھتىياجى بار، دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.