ياپونىيە قىرغىزىستانغا ئاكتىپ ياردەم بېرىدۇ
2007.07.29
ئۆتكەن جۈمە كۈنى قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ ياپونىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. قابار ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ياپونىيىنىڭ قىرغىزىستانغا مەبلەغ سېلىش مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ياپونىيىگە ئوخشاش دېموكراتىك تەرەققى دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياپونىيىنىڭ قىرغىزىستانغا قېرىنداشلارچە كۆرسىتىۋاتقان ياردەملىرىگە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە ۋەكىلى تۇسۇخىكو كاخاي ياپونىيىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ كونا سىستېمىدىن يېڭى سىستېمىغا ئۆتۈش ئۆتكۈنچى باسقۇچىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ھازىرمۇ كۆپلىگەن ياردەم پروگراممىلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
ياپونىيە بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، گېئولوگىيە، سودا ۋە پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇش جەھەتلەردە بەزى قەدەملەر بېسىلغان ئىدى.
سابىق ياپونىيە باش مىنىستىرى كويزۇمى مەركىزىي ئاسىيا رايونىنى ياپونىيىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق پىلانىغا كىرگۈزۈپ، رايون دۆلەتلىرىنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان ھەتتا ياپونىيە دائىرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. قىرغىزىستان ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىدە بەلگىلىك ئورۇن تۇتقان.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى دىنىي ئەسەبىلىكنىڭ رايوندىكى تەھدىتىنى كۆپتۈرۈۋەتكەن
- تۈركمەنىستان ۋە ئافغانىستان يېڭى تۇرۇبا يولى ياساشنى پىلانلىماقتا
- بىشكەك سەنئەتكارلىرى شاڭخەي ھەمكارلىقىنىڭ يىغىنىغا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا
- قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە
- پۇتىن ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلماقچى
- قۇلۇپنىڭ قىرغىزىستاننى رۇسىيىگە قېتىش تەكلىپى مەركىزى ئاسىيالىقلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 12 مىليون دوللار بەردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا مۇنبىرى يىغىنىدا "ھەمكارلىشىپ ئىناق ئاسىيا قۇرۇش' نى تەشۋىق قىلغان