ئامېرىكىدىكى كاتتا باي سوروس قىرغىزىستان ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مائاش بېرىشنى پىلانلىماقتا

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ بايلارنىڭ بىرى بولغان ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈدىغان باي جورج سوروس، قىرغىزىستاندا چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىرغىزىستان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مائاشىنى بېرىشنى پىلانلىماقتا.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جورج سوروس بۇ سۆزلەرنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر سودا يىغىنىدا قىلغان بولۇپ، ئۇ، بۇ مەبلەغنىڭ 10 - ئىيولدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن بېكىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

جورج سوروس گرۇزىيىگىمۇ مۇشۇ خىلدىكى ياردەمنى بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزى چىقارغان مەبلەغدىن سىرت يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات گۇرۇپپىسى ۋە باشقا ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ پۇللارنى توپلىغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ گروزىيە ئۈچۈن توپلىغان مەبلىغى بىلەن گرۇزىيىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ھەر بىرىگە ئېيىغا 1200 ئامېرىكا دوللىرى مائاش بەرگەن.

جورج سوروس سۆزىدە يەنە، "مەن قىرغىزىستان پرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن، ب د ت تەرەققىيات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن بۇ يەرگىمۇ مۇشۇنداق ياردەم بېرىشنى خالايمەن. شۇنداقلا مەن بۇ يەرگە ھەسسە قوشۇشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىمەن" دېدى.

ئۆتكەنكى 2 يىلدىن بۇيان گرۇزىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە قىرغىزىستانلاردا ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىشىشى سەۋەبىدىن، بۇنىڭغا نارازى بولغان خەلق قارشىلىق كۆرسىتىپ، پرېزىدېنتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى. شۇڭا يېڭى بەرپا بولغان ھۆكۈمەتتە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدىنقى ۋەزىپە بولۇپ قالغان. (پەرىدە)