دۇنيا بانكىسى قىرغىزىستانغا ياردەم بەردى
2005.12.18
قىرغىزىستان دۆلەتلىك "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا دۇنيا بانكىسى قىرغىزىستاننىڭ ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى ياخشىلاش پىلانى ئۈچۈن 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر ياردەم دۆلەتنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلىك " ماناس تەلىمى" دەپ ئاتالغان پروگراممىغا بېرىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن 13 مىليون دوللار ئاجرىتىشنى قارار قىلغان.
"قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمايى پاراۋانلىق ۋە ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش تەشەببۇسى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان. شۇ سەۋەبتىن يەنە ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ياردەم كۆرسىتىش ئىشلىرىنى باشلىغان.
قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن ئۆزىنىڭ مەزكۇر تەرەققىيات پىلانى ئۈچۈن ئاران ئىككى مىليون دوللار ئاجرىتىشقا مۇۋەپپەق بولغان بولۇپ، ئاساسىي ياردەم چەتئەللەردىن كېلىدىكەن. قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە بۇنداق ياردەملەر دۆلەتتىكى پارىخورلۇق تۈپەيلىدىن توختىتىلغان بولۇپ، مانا ئەمدى قايتىدىن باشلانغان. (ئۈمىدۋار)