خىتاي ئۆزبېكىستانغا يەنە ياردەم قىلدى

ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان خىتاي، ئۆزبېكىستاننىڭ سودا-ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئىتار-تاسس ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يى باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى يېقىندا ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغاندا، ئۆزبېكىستانغا 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىشنى ئېلان قىلغان. بۇ پروگرامما شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بانكىلىرىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت ئۆتكەن يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ھەر تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلىرى يىلدىن –يىلغا قويۇقلاشماقتا. ئۆتكەن يىلى 13-مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف خىتاينى زىيارەت قىلىپ، كېلىشىم تۈزدى شۇنىڭدەك خىتاي ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى باستۇرغانلىقىنى قوللىدى، ئۆزبېكىستان بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىسلام كەرىموپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۇنياسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا مەجبۇر بولغان. (ئۈمىدۋار)