ساقچىلار جەنۇبىي قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانا ئالدىدا نامايىش قىلغان دۇككاندارلارغا ئوق چىقىرىپ، ئاز دېگەندە 2 كىشىنى يارىدار قىلدى. بەزى مەلۇماتلار 4 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
كۆپ قىسىمى ئاياللارنى ئاساس قىلغان سانى 300 ئەتراپىدىكى نامايىشچىلار، چېگرا ناھىيە قاراسۇدىكى دۇككاندار پۇقرالار بولۇپ، نامايىش قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى بايامان ئەركىنبايېۋنىڭ قاراسۇدىكى سودا بازىرىنى تېزگىنلىۋالغانلىقىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشچىلار ئەركىنبايېۋنىڭ ئوش شەھىرىدىكى مېھمانخانىسى ئالدىغا يىغىلىۋالغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوش ساقچى ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا نېمە ئۈچۈن ئوق چىقارغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار مېھمانخانا ئەتراپىنى قامال قىلىپ، تەرتىپنى قوغدىغان.
ئەركىنبايېۋ، بۇ يىل 24 - مارتتىكى ئاقايېۋ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش نامايىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما نامايىشچىلار باقىيېۋ ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنىڭ دەردىگە دەرمان بولمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئوشتىكى توقۇنۇش قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى جىرغالبېك سورابالدىيېۋنىڭ جۈمە كۈنى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن بېشكەكتە ئۆلتۈرلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەردى.
قىرغىزىستاندا بۇ يىل 7 - ئايدا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى يېقىنلىشىۋاتقان بىر چاغدا، كىشىلەر ئاممىۋى خاراكتېرلىك قالايمىقانلىق كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرىمەكتىكەن.(ئەركىن)