ياۋروپا ئىتتىپاقى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 12 مىليون دوللار بەردى


2007.05.27

ياۋروپا ئىتتىپاقى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە داۋاملىق ئىقتىسادىي ياردەملەرنى بېرىپ كەلمەكتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندا مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 2008-2009-يىللىرى ئىچىدە چېگرىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ توشۇلۇشىدىن ساقلىنىشنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن. بۇ ھەقتە 25-ماي كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا چېگرىلىرى پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى خاردى رېلىنگ رەسمىي بىلدۈرۈش ئېلان قىلغان.

"بۈگۈنكى قازاقىستان" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خاردى رېلىنگ كېلەر يىلى يەنە ئالتە مىليون دوللار ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا چېگرىلىرى ۋە زەھەرلىك چېكىملىكتىن مۇداپىئە كۆرۈش پروگراممىسىنىڭ مەسئۇل بېجىرگۈچىسى ئامىر ئەلچىبېكوف بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ پروگراممىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادى باشقا جۇمھۇرىيەتلەرگە قارىغاندا، كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر پروگراممىسىنىڭ ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش نىسبىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تۆۋەن ھېسابلىنىدىغان قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارغا نىسبەتەن ئازراق ئىكەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نەزىرىدە مەركىزىي ئاسىيا بولۇپمۇ ئافغانىستان-تاجىكىستان، ئافغانىستان –ئۆزبېكىستان چېگرىلىرى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ توشۇلۇش ئۆتكەللىرى جۈملىدىن مۇقىمسىز رايونلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جايلاردا مۇقىم ۋەزىيەت يارىتىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.