ئامېرىكا ئۆزبېكىستانغا بېرىدىغان ياردەمنى قىسقارتىشى مۇمكىن
2005.07.14
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئەگەر ئۆزبېكىستان خەلقئارانىڭ بۇ يەردە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنى تەكشۈرۈش چاقىرىقىغا داۋاملىق سەل قارىسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستانغا بەرمەكچى بولۇۋاتقان 22 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم پۇلىنى توختىتىپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى توم كاسىي، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە ئۆزبېك ھۆكۈمىتىنىڭ 13 - مايدىكى قىرغىنچلىق ۋەقەسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "ئوچۇقكى، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىنكاسى بىزنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ" دېدى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنجان ۋەقەسى ھەققىدە چىقىرىلغان دوكلاتىدىن بىر كۈن كېيىن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ب د ت دوكلاتىدا 13 - مايدىكى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېك نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ۋەقەسىنى "چوڭ قىرغىنچىلىق" دەپ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ۋەدىسىنى ئورۇنلىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزبېكىستانغا قىلىدىغان 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم پۇلىنى توختۇتۇپ قويغان ئىدى.
نۆۋەتتە كەرىموف ھۆكۈمىتى 13 - ماي ئەنجان ۋەقەسى سەۋەبىدىن خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. ئەمما ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىپادىسىگە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنى قوشۇن چېكىندۈرۈشكە قىستىمايدۇ
- ئۆزبېكىستان سوتى دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن 20 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى
- ئۆزبېك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قازاقىستاندا قولغا ئېلىندى
- ئۆزبېكىستان، ئامېرىكىنىڭ خان ئاباد ھاۋا بازىسىنى ئىشلىتىشىگە چەكلىمە قويدى
- ب د ت ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن قوراللىق باستۇرۇش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى