خىتاي ساقچى دائىرىلىرى قىرغىزىستان ساقچى دائىرىلىرىغا بۇ يىل بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ياردەم كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قىرغىز خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، 27-ماي كۈنى قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولاتبېك نوغايبايېف خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خوڭۋېي باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
مېڭ خوڭۋېي قىرغىزىستانلىق كەسىپدېشىنىڭ يۇقىرى ھەربىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئالغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە قىزىقىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك بۇنداق يىغىننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتلەردىكى ئۆزارا تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا جۈملىدىن تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى بىرلىكتە يوقىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلغان.
قىرغىز خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا ، خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينىڭ قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار ئورگىنىغا بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى قىرغىزىستان قانۇننى قوغداش ئورگانلىرىنىڭ خىتايغا كۆرسىتىۋاتقان قوللاشلىرى ئۈچۈن قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ھازىرغىچە تۆت مىليون دوللار ياردەم بەرگەن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)