بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار يەتتە مىليون دوللار زىيانغا ئۇچرىغان
2005.03.30
قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە 24-مارت كېچىسى يۈز بەرگەن بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرى جەريانىدا، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ تىجارەت قىلىدىغان مەدىنە سودا مەركىزىمۇ بۇلاڭچىلىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
مەزكۇر سودا مەركىزىنىڭ دېرىكتورى تۇرسۇنتاي ئەپەندىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەزكۇر ۋەقەدە ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى يەتتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە زىيان تارتقان.
بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام نەق مەيدانغا بېرىپ، دىرېكتور تۇرسۇنتاي ۋە ۋەقەدە زەخىملەنگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلىدى.
©
2005 Radio Free Asia