رۇسىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىنى ماختىدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ موسكۋادىكى زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشدۇر .
بېيجىڭ تەرەپ رۇسىيىنىڭ خىتاينى ئۇزۇن مەزگىلگىچە نېفىت ۋە تەبىي گاز بىلەن مۇقىم تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ۋېن جياباۋ، جۈمە كۈنى رۇسىيە سودا سانائەت ساھەسىدىكى ئەرباپلارغا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي كەلگۈسىدە قۇدرەت تاپقان تەقدىردىمۇ زومىگەرلىك قىلمايدۇ، جوڭگو، رۇسىيە ئىشىنىشكە بولىدىغان دۆلەت دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېن جياباۋ شۇ كۈنى رۇسىيە پرىزدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، رۇسىيە باش مىنىستىرى فرادكوف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان
. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بەزى مۇھىم مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپنىڭ بارغانچە چوڭىيىۋاتقانلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن . بۇ ئىختىلاپلارنىڭ بىرى رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسىدە گەۋدىلەنمەكتە. خىتاي رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىدىكى بىردىن بىر توسالغۇ بولۇپ قالغان. رۇسىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسى ليۇ گۇچاڭ، ۋېن جياباۋنىڭ رۇسىيىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە موسكۋا بىلەن بۇ مەسىلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق، رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە ۋېن جياباۋ موسكۋادىكى مەزگىلدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈمىدى كۈتمەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بېيجىڭ، رۇسىيە ئەمگەك بازىرىنى خىتاي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئېچىۋېتىش، چەتئەل شىركەتلىرىنى تىزىمغا ئېلىشتىكى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.(ئەركىن)