ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاپپار ھەبىبۇللا يىتەكچىلىكىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى چارشەنبە كۈنى قازاقىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
قازاقىستاندىكى ئالاقىدار كىشىلەردىن ئىگىلىشىمىزچە ، مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەكلىبى بىلەن ئاستانىغا كەلگەن ھەمدە قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرۇشۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. قازاقىستاننىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانا خادىملىرى باشتىن ئاخىر ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان.
ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ھارپىسىدا، چارشەنبە كۈنى يەنە ئالماتادىكى بىر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىگە بېرىپ، قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملار بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇچرۇشۇشتا، ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە سوئال سوراشقا پۇرسەت بەرمىگەن .
جاپپار ھەبىبۇللا باشچىلىقىدىكى خىتاينىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتى سەككىز كۈن داۋام قىلغان. ئەمما قازاقىستان ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ زىيارىتى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى. (ئارزۇ)