تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىراق چېگرىسى ئىچىگە كەڭ كۆلەمدە قوشۇن تارتىپ كىرىپ، ئۇ جايلاردىكى كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىغا ئۈچ كۈن بولدى. بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا بىر تۈمەندىن ئارتۇق تۈرك ھەربىي خادىمى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، كۇردلارنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بومباردىمان قىلىنغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ھەربىي تەرەپ ئۈچ كۈنلۈك ھەربىي ھەرىكەتتە 79 نەپەر كۇرد قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، يەتتە نەپەر تۈرك ئەسكىرىنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسى بولسا، كۇردلارنىڭ بىر تۈرك تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتى تۈركىيىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن، ئامېرىكا تەرەپ بولسا، تۈرك ئارمىيىسىنىڭ تېررورچىلارنى تازىلاش ئوپېراتسىيىسىنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلغان. (ئۈمىدۋار)