تۈركىي دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى
-
2008-02-24 -
-
-
22-فېۋرال كۈنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەربابلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى ئارا يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى پارلامېنتلىرى ئاسسامبلېيىسى(بىرلەشمىسى) نى قۇرۇش رەسمىي قارار قىلىنىپ، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستاننىڭ ۋەكىللىرى مەزكۇر ئورگاننى قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىن جەريانىدا تۈركىي تىللىق ئەللەرنىڭ پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسى، خىزمەت تىلى، تەشكىلات تۈزۈمى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ فۇنكسىيىسى ئاساسلىقى پارلامېنتلار ئارا ئالاقە ئورنىتىش، تەجرىبە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ھەمدە بىرلەشمە قارارلارنى ئېلىش ھەم باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تۈركىي ئەللەر پارلامېنتلىرى ئانسامبلېيىسىنىڭ قۇرۇلۇش كېلىشىمىگە بۇ يىل 5- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇلارنىڭ تۇنجى يىغىنىدا ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى رەسمىي ئىمزا قويۇپ، ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى جاكارلايدىكەن.
تۈركىي ئەللەر پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسىگە ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركمەنىستان ھازىرچە قاتناشمىغان بولۇپ، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلمىگەن.
تۈركىي ئەللىرى پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسىنى قۇرۇش ئۆتكەن يىلى ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پۈتۈن دۇنيا تۈركىي ئەللىرى ۋە خەلقلىرىنىڭ ھەمكارلىق قۇرۇلتىيىدا قارار قىلىنغان بولۇپ، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان پرېزىدېنتلىرى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيە قوشۇنى كۇردلارغا زەربە بەرمەكتە
- د ئۇ ق ھەيئىتىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئالىي رەھبەرلىرىدىن بۇلەنت ئارىنچ ئەپەندى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ھەيئەتلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا
- تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئىراقتىكى كۇردلارغا ھۇجۇم قوزغىدى
- تۈركىيە ئارمىيىسى 15 نەپەر كۇرد قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
- تۈركىيە ئارمىيىسى كۇردلارغا زەربە بېرىشنى باشلىدى
- ئابدۇللا گۈل تۈركىيىنىڭ پرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى
- ئەنقەرەدىكى تېرورلۇق ۋەقەسىدە 7 كىشى قازا تاپتى، 100 دىن ئوشۇق كىشى يارىلاندى
- تۇركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈردى
- تۇرك دۇنياسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى
- د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى ئەزاسى فارۇك ئۈنسال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى