تۈركىيە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ سانىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى قارار قىلدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باباجان پەيشەنبە كۈنى، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيە سانىنى كۆپەيتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلگىرى تۈركىيە تەرەپ، ئافغانىستاندا ئەسكەر كۆپەيتىشنى قەتئىي رەت قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم باباجان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيىنىڭ چوقۇم بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باباجان يەنە، تۈركىيىنىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئافغانىستاندىكى تۈركىيە ئارمىيىسى مەسىلىسى ئۈستىدە ئېنىق بىر قارار چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. باباجان بۇ سۆزلەرنى ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەتتارنىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى داۋامىدا ئىپادىلىگەن.
تۈركىيىنىڭ تەخمىنەن 1200 كىشىلىك ھەربىي قىسمى ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىگە جايلاشقان، تۈركىيە بۇرۇن، تالىبانلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئەڭ ئەۋج ئالغان ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا ئەسكەر تۇرغۇزۇشنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ كەلگەن.
كانادا، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قىسىملىرى ئافغانىستاندىكى ئاساسلىق ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كانادا ئەگەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇنىنى كۆپەيتمىسە، ئۆز ئارمىيىسىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. شۇڭا ئامېرىكا تەخمىنەن 3 مىڭ 200 نەپەر دېڭىز ئارمىيىسى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىنى ئافغانىستانغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئافغانىستاندىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلدى
- "پانتۈركىزمنىڭ مەيدانغا چىقىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان"
- تۈركىي دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى
- تۈركىيە قوشۇنى كۈرد قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بەرمەكتە
- كوندالىزا رايىس بىلەن ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئافغانىستاننى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى
- تۈركىيە پارلامېنتىدە غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە قىلىنغان سۆز
- باغداتتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملاردا 99 كىشى ئۆلدى
- نازران شەھىرىدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- ئافغانىستان، ئىراننى ئەيىبلىدى
- تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى سايىت يازىجىئوغلى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئافغانىستاندا 20 تالىبان مىلىتانتى ئۆلتۈرۈلدى