تۈركىيە شىمالىي ئىراقتىكى PKK پارتىزانلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلدى
2007.12.26
تۈركىيە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى چارشەنبە كۈنى تۈركىيىدىن ئايرىلىپ كۇردىستان قۇرۇش مەقسىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان pkk مۇستەقىلچى كۈرد پارتىزانلىرىنىڭ شىمالىي ئىراقنىڭ زاپ رايونىدىكى غارلاردا قۇرۇۋالغان بازىلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلدى.
تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى باش قارارگاھى تور بېتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تۈركىيە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ زاپ رايونىدىكى كۈرد پارتىزانلىرى يوشۇرۇنۇۋالغان 8 غارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تۈركىيىلىك كۈرد پارتىزانلىرىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى بازىلىرىغا 16 - دېكابىردىن بېرى 3 - قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇن قوزغىغان 2 قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى 16 ۋە 22 - دېكابىرلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. تۈركىيە قوراللىق قىسىملار باش قارارگاھى 16 - دېكابىردىكى ھۇجۇمدا 150 دىن 175 كىچە بولغان pkk لىقنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، كۈرد پارتىزانلىرىنىڭ ئاخبارات ئورگىنى فىرات خەۋەر ئاگېنتلىقى شۇ كۈنكى ھاۋا ھۇجۇمىدا 5 ئادىمىنىڭ چىقىم بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ياۋروپادىن تارقىتىلىدىغان pkk غا يېقىن مەتبۇئات ئورگانلىرىدىن roj tv ئىسىملىك تېلېۋىزىيە قانىلى ھۇجۇمدا شىمالىي ئىراقتىكى 15 كۈرد يېزىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە 2 يېزا پۇقراسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى. شىمالىي ئىراقتىكى ئاپتونوم ھاكىمىيىتىنىڭ رەئىسى مەسۇد بارزانى بولسا تۈرك ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن. تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۈركىيىلىك كۈرد پارتىزانلىرىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى بازىلىرىنى بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتىدە ئامېرىكا تۈركىيىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەن بولۇشى مۇمكىن.
تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كۈردلەر 1984 - يىلدىن بېرى تۈركىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش مەقسىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيە ئارمىيىسى، كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ بازىلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلدى
- تۈركىيە ئارمىيىسى ئىراق چېگرىسى ئىچىدە كۇردلارغا ھۇجۇم قىلماقتا
- تۈركىيە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ رەئىسى كۇرد توپىلاڭچىلىرىنىڭ ھەربىي نىشانلىرىنى غەلىبىلىك بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
- تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئىراقتىكى كۇردلارغا ھۇجۇم قوزغىدى
- كاندىلىزا رايس تۈركىيىنى كۈرد بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللانماسلىققا كۆندۈرمەكچى
- تۈركىيە ئارمىيىسى 15 نەپەر كۇرد قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
- تۈركىيىدە مىليونلارچە ئىنسان شېھىدلىرى ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە
- تۈركىيە بىلەن ئىراق كۇرد پارتىزانلىرىنى بىرلىكتە باستۇرماقچى
- تۈركىيە ئارمىيىسى كۇردلارغا زەربە بېرىشنى باشلىدى