تۈركىيە شىمالىي ئىراقتىكى كۈرد پارتىزانلىرىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىدى


2008.02.22

تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، تۈرك قوراللىق قىسىملىرى شىمالىي ئىراقنى بازا قىلغان تۈركىيە كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسى پارتىزانلىرىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىغان. خەۋەرگە قارىغاندا، ھەربىي ھەرىكەت پەيشەنبە كۈنى باشلانغان بولۇپ، تەخمىنەن 10 مىڭدەك تۈرك ئەسكىرى توپچى قىسىملار ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھىمايىسىدە شىمالىي ئىراقتىكى كۈرد پارتىزانلار بازىسىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۈركىيە ئامېرىكا ئارمىيىسىگە شىمالىي ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغانلىقى، ھەرىكەتنىڭ پەقەت تۈركىيىدە كۇردىستان قۇرماقچى بولغان كۈرد پارتىزانلىرىغا زەربە بېرىش بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىغا كاپالەت بەرگەن.

ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى، تۈركلەرنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ساقلىنىدىغانلىقى ۋە ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قوشۇن چېكىندۈرۈشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. شىمالىي ئىراقتىكى كۇردىستان ئاپتونومىيىسىنىڭ رەئىسى مەسئۇد بارزانى ۋە ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەبارى قاتارلىقلار، تۈركىيە - كۇردىستان چېگرىسىنىڭ قار بىلەن قاپلانغانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ بۇنداق بىر مەزگىلدە ھەربىي ھۇجۇم قوزغىغانلىقى نورمال ئەھۋال ئەمەس، دەپ تەكىتلىگەن. ئەنقەرە ھۆكۈمىتى تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كۇردلارنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسىدىن ئىزچىل بىئارام بولۇپ كەلمەكتە. كۈرد مەسىلىسى تۈركىيىنىڭ تاشقى دىپلوماتسىيىسىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

1990 ‏- يىللارنىڭ ئاخىرىلىرى خىتاينىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كۇاڭ، " ئەگەر تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى قوللىسا، بىز كۇردلارنى قوللىساق بولامدۇ " دېگەن ئىدى. 2007 ‏- يىلى 10 ‏- ئايدا تۈركىيە پارلامېنتى قانۇن چىقىرىپ، تۈرك ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ئىراققا كىرىشىنى تەستىقلىغاندىن بېرى، تۈرك ئارمىيىسى شىمالىي ئىراقتىكى كۈرد پارتىزانلار بازىلىرىغا بىر قانچە قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان. لېكىن تۈرك ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىشى تېخى 1 ‏- قېتىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.