0:00 / 0:00
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەر يىلى1 - ئۆكتەبىر يەنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجام بەردى ئەپەندى بىلەن ، خىتاي دۆلەت بايرىمى كۈنى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قانداق بىر كۈندىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ زىيارەت سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.