خەلقئارانىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى


2007.10.22

خۇ جىنتاۋ سۆزدە. AFP Photo

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 ‏- قۇرۇلتېيى 8 كۈن داۋام قىلىپ 10 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى ئاياقلاشتى. يىغىن ئاياقلاشقاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ 9 نەپەر دائىمىي ئەزاسى ھەممىسى بىردەك قېنىق رەڭلىك غەربچە كىيىنىپ تىزىلىپ سەھنىگە چىقىپ ئۆزىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئاندىن خىتاي خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىدىن خەۋەر تاپتى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇجىنتاۋ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئاياقلاشقاندا، ئىمزاسىز بېلەت تاشلاش ئارقىلىق سايلام ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ قېتىم يەنە كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا سايلانغانلىقىنى، 9 كىشىنىڭ سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا سايلانغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 4 كىشىنىڭ يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىككىسى ئەللىك نەچچە ياشلىق مۇنەۋۋەر ياش رەھبەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خۇجىنتاۋ خىتايدا ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى كوممۇنىست بەگ - خانزادىلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋە بەردى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قۇرۇلتاي خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يېڭى ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىنى تەستىقلىدى.

بۇنىڭ ئىچىدە 4 كىشى 1949 ‏- يىلىدىكى 'ئىنقىلابىي ئۆزگىرىش'تىن كېيىن تۇغۇلغان كوممۇنىست بەگزادىلىرىدىن تاللىۋېلىنغان. خۇجىنتاۋ بۇ قۇرۇلتايدا، مەركىزى كومىتېتقا كىرىدىغان 204 كىشىنى ۋە ئۇنىڭدىن سىياسەت بەلگىلەيدىغان ئەڭ يۇقىرىى ئورگان ‏-‏ سىياسىي بيۇروغا كىرىدىغان 25 كىشىنى سايلاپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىدى. شۇنداقلا ئۇ خىتايدا قۇرۇپ چىقىلىدىغان 'ئىناق جەمئىيەت'نى ۋە ئادىل بۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى سىرلىق سىپىلنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغان ئىمتىيازلىق كوممۇنىست بەگ - خانزادىلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

رەھبەرلىك قاتلىمىدا جاڭ زېمىننىڭ تەسىرى ئاجىزلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇجىنتاۋ دۈشەنبە كۈنى، خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا سىياسەت بەلگىلەيدىغان سىياسىي بيۇرونىڭ 9 نەپەر دائىمىي ئەزالىرىنىڭ چۈمپەردىسىنى ئېچىش ئارقىلىق، ھازىر جاڭ زېمىننىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاتقانلىقىنى نامايەن قىلدى.

بۇنىڭدىن كېيىنكى مەسىلە

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىىسنىڭ باش سېكرىتارى خۇجىنتاۋ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا يەنە كېلەركى بەش يىل ئىچىدە داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشقا ئېرىشتى شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى ئىز باسارىنى بەلگىلەشتە جىددىي ھوقۇق كۆرۈشى پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئالالىدى.

گەرچە خۇجىنتاۋ سەككىز كۈنلۈك قۇرۇلتايدا، جىددىي داۋاملاشقان ھوقۇق تەقسىماتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي ئۈستۈنلۈكىنى تىكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىنكى مەسىلە يەنىلا ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىر -بىرىگە ئوخشىمايدىغان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بۇنداق سىياسىي گەۋدىنى قانداق باشقۇرۇشىغا ، بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور پەرق پەيدا قىلغان جىددىيلىكنى قانداق پەسەيتىشىگە ۋە خىتاينىڭ 'تىنچ باش كۆتۈرۈپ چىقىش' دېگەن شۇئارى باشقا دۆلەتلەردە پەيدا قىلغان قارشىلىقنى قانداق يوق قىلىشىغا باغلىق.

بۇنىڭدىن كېيىن خۇجىنتاۋ ئازادلىق ئارمىيىنى ئۆزى كونترول قىلماقچى

تا س س ر نىڭ بايان قىلىشىچە، خۇجىنتاۋنىڭ بۇ قېتىم يەنە مەركىزى كومىتېت ھەربىي كومىتېت رەئىسى بولغانلىقى ئۇنىڭ دۇنيادىكى سانى ئەڭ كۆپ قوراللىق قوشۇننى ‏-‏ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى داۋاملىق تۈردە ئۆزى يالغۇز كونترول قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يەنىلا قارا پەردە تارتىلغان سىياسىي سەھنە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەتشۇناس مۇتەخەسسىسى جاڭ زۇخۇا ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە "ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاينىڭ پۈتۈن ئىشلىرى سىياسىي قارا پەردە كەينىدە ئورۇنلاندى، بۇ ئوچۇق-يورۇق بولمىغانلىقنىڭ تېپىك مىسالى. بۇ قۇرۇلتايدا ئېلىپ بېرىلغان مەركىزى كومىتېت سايلىمىنىڭ ھەقىقىي جەريانىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، بۇ ئالغا باسقانلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس" دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 17‏- قۇرۇلتايدا گەرچە 'دېموكراتىيە' دېگەن سۆز تىلغا ئېلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا دېموكراتىيە دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس.

جاۋ زىياڭ زامانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 13 ‏- قۇرۇلتايدا سىياىسي بيۇرو ئەزالىرى مۇخبىرلار بىلەن بىۋاستە سۆزلەشكەن ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم ئۇلار سەھنىگە چىقىپ بىر كۆرۈنۈپ قويۇپلا كۆزدىن يوقالدى.

بېيجىڭدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچى چېن زىمىننىڭ بايان قىلىشىچە، 17 ‏- قۇرۇلتايدا ياشانغانلارنى ئارامغا چىقىرىدىغان تۈزۈم بەرپا قىلىنغاندەك قىلىدۇ، بۇ بىر يۇرۇق نوقتا بولۇپ قالدى، لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئۇنى 'دېموكراتىيە' دېگىلى بولمايدۇ. دېموكراتىيىنىڭ ئەڭ ئېنىق بەلگىسى سايلام، ئەمما بۇ بەلگە بۇ قۇرۇلتايدا بىر قاراڭغۇ نوقتا. يىغىندا سايلام قارا پەردە تارتىپ ئۆتكۈزۈلدى، يىغىن زالىدىن مۇخبىرلار قوغلاپ چىقىرىلدى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يەنىلا سېپى ئۆزىدىن كوممۇنىست پارتىيە

خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى باشقا دۆلەتلەردە ساقلىنىۋاتقان كوممۇنىست پارتىيىلەر، مەسىلەن، ھىندونېزىيە كوممۇنىست پارتىيىسى، مالايشىيا كوممۇنىست پارتىيىسى، ئاۋسترالىيە كوممۇنىست پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سېپى ئۆزىدىن كوممۇنىست پارتىيە ئىكەنلىكىنى، داۋاملىق تۈردە ماركىسىزم پرىنسىپىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

"يادرو" دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بولمىغانلىقى ئالغا باسقانلىق ئەمەس

كۆزىتىش ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان "ئون يەتتىنچى قۇرۇلتاي ھەققىدىكى غەيرى كۆز قاراشلارغا رەددىيە" دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، 17 ‏- قۇرۇلتايدا 'يادرو' دەپ ئاتىلىدىغان كىشى يوق، كىمنىڭ يادرو بولىدىغانلىقىمۇ بەلگىلەنمىگەن شۇڭلاشقا بەزى كىشىلەر بۇنى ئالغا باسقانلىق ، بىر مۇستەبىتنىڭ كونتروللۇقىغا قالمىغانلىق، كوللېكتىپ رەھبەرلىك يولغا قويۇلغانلىق ، دەۋاتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ قۇرۇلتايدىكى ئىشلار خۇددى پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى دېگەن ھېكايىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ھەممە ئەپتى-بەشىرىسى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ ھېچقاچان ئالغا باسقانلىق ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەقسىتى پەقەت دېموكراتىيىنى يولغا قويماي مۇقىملىقنى ساقلاشتىنلا ئىبارەت. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.