17 - قۇرۇلتاي ۋە ئۇيغۇرلار
2007.10.19
بۈگۈن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 -نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - كۈنى. بۇ پروگرامىمىزدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قۇرۇلتايغا قارىتا دىققەت - ئېتىبارى قانچىلىك؟ دىققەت قىلغانلار قۇرۇلتايدىن نېمىلەرنى كۈتۈۋاتىدۇ؟ دېگەن مەزمۇنلار توغرىسىدا، كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى زۇلپىقار بىلەن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوغۇزخان، مۇخبىرىمىزنىڭ سوئالىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، 17 - قۇرۇلتايغا دىققىتىنى ھېچ بەرمىگەنلىكىنى، سەۋەبىنىڭ بولسا، بۇ قۇرۇلتايدا يېڭى گەپ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىكى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ خىلدىكى ئىنكاس، ۋەتەن ئىچىدىكى بىر دېھقان تەرىپىدىنمۇ تەكرارلاندى.
ئىگىلىشىمىزچە، ۋەتەن ئىچىدىكىلەر پەقەت ئويۇشتۇرۇلغان سورۇنلاردىلا قۇرۇلتاي پروگراممىلىرىنى كۆرۈۋاتىدۇ؛ ئەمما مۇنداق تەشكىللىنىشتىن خالىي كىشىلەر، بۇ يىغىنغا دىققەت - ئېتىبارىنى بەرمەيدۇ، پەقەت بىر قىسىم زىيالىيلارلا، بۇ قۇرۇلتاينى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتىدۇ. سوئاللىرىمىزغا بېرىلگەن جاۋابلاردىن قارىغاندا، بۇلارنىڭ كۆزىتىشىمۇ، قۇرۇلتايدىن، ئالاھىدە نەتىجە كۈتۈش ئەمەس، پەقەت، ۋەزىيەتنى چۈشىنىپ مېڭىش مەقسىتىدە بولغان. بۇ، يەنە بىر تۈردىكى ئىنكاس قىلغۇچى كىشىلەر بولۇپ، بۇ خىلدىكى كۆزەتكۈچى كىشىلەردىن بىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە 15 يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان، ئىلشات ھەسەنجان ئەپەندىدۇر.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار 17 - قۇرۇلتايغا قىزىقمايدۇ؟ بۇ سىياسەتكە قىزىقماسلىقتىنمۇ؟ ياكى ئۆز سىياسىي تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرمىغىنى ئۈچۈنمۇ؟ ئىلشات ھەسەنجان ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسى يۇقىرى سوئاللارغا "ياق" دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قارىتا ئىككى خىل كۆز قاراشتىكى كىشىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (2)
- خىتاينىڭ چىقىش يولى بىرلا: دېموكراتىيە
- غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كومپارتىيىىسنىڭ 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا قانداق باھا بەردى؟
- 17 - قۇرۇلتاينىڭ سىگنالى: خىتاي غەرب يولىدا ماڭمايدۇ
- خۇ جىنتاۋ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەپ كېتەلەمدۇ؟
- ئامېرىكىلىق ئالىملار ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا توختالدى
- خەلق نامرات جايدا كوممۇنىست پارتىيە كۈچلۈك
- خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(4)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر (3)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(2)
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇنقى ئالامەتلەر(1)
- ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار