ئەندىشە ۋە زەربە ئاستىدىكى 50 يىللىق مۇراسىم (2)
2005.09.28

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلىپ بەش يىلدىن كېيىن قۇرغان "شىنجاڭ" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 50 يىل توشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ غەلىبىسى دەپ تەبىر بېرىش بىلەن بۇ مۇراسىمنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشكە پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تىرىشماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە مەخسۇس مىللىي ئاپتونومىيە ئاق تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 50 يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاپتونومىيە سىياسىتىنى مەدھىيىلەپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنىڭ ھەقىقىي جارى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقلىرى يولغا قويۇلۇپ، ھەر قايسى ئاپتونومىيىلىك جايلارنى شۇ جاينىڭ مىللىتىنىڭ ئۆزلىرى ئىدارە قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز رايونىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى باشقۇرۇشتەك دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى ئىزچىل تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بېجىرىپ، ئۆز ئائىلىسىگە ئۆزلىرى ئىگە بولغانلىقىنى ھە دەپ تەشۋىق قىلماقتا. ئۇنداقتا، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلىرى ھەقىقەتەن كاپالەتكە ئىگە بولدىمۇ؟ ئۇ جايدىكى ئەمەلىي ئەھۋال ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى قانداق؟
بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئامېرىكىغا كەلگەن غۇنچەم خانىملار ئۆز ئىنكاسلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كورلا شەھەر باشلىقى مۇتەللىپ يۈسۈپنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى يېڭى بايانلار
- تۈركىيىدىكى تەشكىلاتلار پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرماقتا
- كورلا شەھەر باشلىقى مۇتەللىپ يۈسۈپ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس
- لو گەن غۇلجىغا كەلگەندە قوراللىق ساقچىلارغا تىز سۈرئەت بىلەن سوتسىيالىزىم قۇرۇش" نى تەكىتلىگەن
- ئەندىشە ۋە زەربە ئاستىدىكى 50 يىللىق مۇراسىم (1)
خىتاينىڭ ئاتالمىش ئاپتونومىيە قانۇنى
- سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدىكى ئاپتونومىيە ھەققىدىكى بايانلىرىنى رەت قىلدى
- خىتاي زىيالىيلىرى ئاپتونومىيە مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى (2)
- خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ئاپتونومىيە مەسىلىلىرى بويىچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى
- خىتاينىڭ "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىسى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدىكى تارىخى ئاساسلارنىڭ ئاساسى بارمۇ؟