0:00 / 0:00
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەۋاتقان بۇ مەزگىلدە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان زىيالىيلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ كۈننى ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتە نۇرغۇن مۇنازىرىلەر، مۇلاھىزىلەر، باياناتلار ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى جانلىنىپ كەتتى.
كۆپ يىل خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتقان ۋە بىر قانچە يىل بۇرۇن چەتەلگە قېچىپ چىققان ئەخمەت ئەپەندى رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلىنىۋاتقان شۇنداق بىر كۈندە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان گەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇنى پۈتۈن رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.