ئابدۇللاھ گۈل تۈركىيىنىڭ 11 - پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى


2007.08.28

تۈركىيىدە يېڭى جۇمھۇر رەئىسى سايلاپ چىقىلدى. سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ نامزاتى بولغان قەيسىرى پارلامېنت ئەزاسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11 - جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

ئابدۇللاھ گۈل 339 ئاۋاز ئالدى

سايلام بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سايلامغا جەمئىي 448 پارلامېنت ئەزاسى قاتناشتى. سايلامغا قاتناشقان 3 نامزات ئىچىدىن ئابدۇللاھ گۈل 339 ئاۋاز ئالدى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ نامزاتى ساباھەتتىن چاقماقوغلى 70 ئاۋاز ، دېموكراتىك سول پارتىيىنىڭ نامزاتى تايفۇن ئىچلى بولسا 13 ئاۋاز ئالدى. سايلامدا 24 كىشى ئاۋاز بەرمىگەن بولۇپ، ئىككى ئاۋاز ئىناۋەتسىز بولغان.

ئابدۇللاھ گۈلنىڭ قەسىمى

ئابدۇللا گۈل رەئىس جۇمھۇرى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ئاخشام سائەت 6دە، تۈركىيە پارلامېنتىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا پۈتۈن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ھەر ساھەدىن كەلگەن ۋەكىللەر شۇنداقلا ھەربىيلەر قاتناشقان بولۇپ، ئابدۇللاھ گۈل مۇنداق دەپ قەسەم بەردى : " جۇمھۇر رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۆلەتنىڭ بارلىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ پارچىلانماس پۈتۈنلۈكىنى، مىللەتنىڭ شەرتسىز ھاكىمىيىتىنى قوغدايدىغانلىقىمغا، ئاساسىي قانۇنغا، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىگە، دېموكراتىيىگە، ئاتاتۈركنىڭ ئىدىيە ۋە ئىنقىلابلىرىغا، جۇمھۇرىيەتنىڭ پىرىنسىپلىرىغا سادىق بولۇدىغانلىقىمغا , مىللەتنىڭ ھوزۇر-ھالاۋىتى ۋە پاراۋانلىقى، مىللىي تايانچ ۋە ئىنسان ھەقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىمغا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شان - شەرىپىنى قوغداش، يۈكسەلدۈرۈش ۋە ماڭا بېرىلگەن ۋەزىپىنى تەرەپسىز ھالدا ئىجرا قىلىدىغانلىقىمغا، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىمغا بۈيۈك تۈرك مىللىتى ۋە تارىخ ئالدىدا قەسەم بېرىمەن. "

قەسەمدىن كېيىن تۈركىيىنىڭ دۆلەت مارشى ئورۇنلاندى. كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل تەشەككۇر سۆزى قىلدى. مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئابدۇللاھ گۈل جۇمھۇر رەئىسى گىرىبى تاقالغان ماشىنىدا ھەربىي مۇراسىم بىلەن ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە سارىيىغا قاراپ ماڭدى.

بۈگۈن تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئابدۇللاھ گۈلنىڭ رەئىس جۇمھۇرى بولغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن تەنتەنىلىك مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلمەكتە ، ئابدۇللاھ گۈلنىڭ يۇرتى بولغان قەيسىرى ۋىلايىتى بولسا ئاللىقاچان بايرام تەنتەنىسىگە چۆمگەن ئىدى. 10مىڭلارچە كىشى كوچىلارغا چىقىپ بۇنى تەبرىكلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قەيسىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بار . بىز قەيسىرىدىكى تەبرىكلەش مۇراسىمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىياتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇللاھ گۈلنىڭ قىسقىچە تارىخى

تۈركىيىنىڭ 11. نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل 1950-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈركىيىنىڭ قەيسىرى ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى ئىستانبۇلدا پۈتتۈرگەندىن كېيىن، لوندوندا ئىقتىساد بۆلۈمىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان. ئۇ دوكتۇرلۇقىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ساكاريا ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇ، 1983-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددى شەھىرىدىكى ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىدا مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلىگەن. ئابدۇللاھ گۈل سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشقاندىن كېيىن ، ھۆكۈمەت باياناتچىسى ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلغان. ئۇ، 2002-يىلىدىكى سايلامدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن پارلامېنتقا كىرىپ, باش مىنىستىر مۇئاۋىنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن ئىدى.(ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.