سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە پارلامىنتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق ئاۋاز بېرىشتە، مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق تۈركىيىنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە سايلانغان ئابدۇللا گۈل، قەسەم ئىچىپ پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
ئابدۇللا گۆل، 1923 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇلغاندىن بېرى، بۇ دۆلەتتە پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ئىسلامىي كۆز قارىشى كۈچلۈك تۇنجى سىياسىيون ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى كۆكسال توپتاننىڭ ئېيتىشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئاۋاز بېرىشتە ئابدۇللا گۈل 500 پارلامىنت ئەزاسىنىڭ 339 ئىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشكەن.
ئابدۇللا گۈلنىڭ تۈركىيە پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلىنىشى بىلەن، تۈركىيىدە پرېزىدېنتلىق ، پارلامىنت رەئىسىلىك ۋە باش مىنستىرلىق قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ئۈچ ئورگىنى ئىسلامىي كۈز قاراشقا ئىگە بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن بولدى.
گەرچە تۈركىيە ئارمىيىسى شۇنداقلا تۈركىيىدىكى سول كۆز قاراشقا ئىگە پارتىيە ۋە گۇرۇپپىلار، ئابدۇللا گۆلنىڭ تۈركىيە پرېزىدېنتى ۋەزىپىسىگە سايلىنىشىغا قارشى چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى. تۈركىيە ئارمىيىسى ۋە تۈركىيىدىكى سول پارتىيىلەر ئابدۇللا گۆلنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تەرىپىدىن بېكىتىلگەن دىننى سىياسەتتىن ئايرىش پرىنسىپىنى بىتچىت قىلىپ، تۈركىيىنى شەرىئەت يولىغا يېتەكلەش پىلانى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئەمما، ئابدۇللا گۈل، سەيشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى قوغدايدىغانلىقىنى ھەمدە تۈركىيىنىڭ دىننى سىياسەتتىن ئايرىش ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گەرچە تۈركىيە ئارمىيىسى ۋە تۈركىيىدىكى سول كۆز قاراشقا ئىگە پارتىيە ۋە گۇرۇپپىلار ئابدۇللا گۈلنىڭ پرېزىدېنت سايلىنىشىغا قارشى چىققان بولسىمۇ، ئەمما غەربلىك مۇلاھىزىچىلەر، تۈركىيىدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ سايلامدىكى غەلىبىسىنى ۋە ئابدۇللا گۈلنىڭ پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىنى ئىسلام دىنىنىڭ دېموكراتىيە بىلەن ماسلىشالايدىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى، دەپ قارىماقتا. (ئەقىدە)