"ئاچ ئەرۋاھلار ‏- ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" (1)


2006.01.27

ئەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندىنىڭ "ئاچ ئەرۋاھلار ‏- ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" ناملىق 476 بەتلىك كىتابى 2005 ‏-يىلى 10 ‏-ئايدا نەشر قىلىندى. بېيكىر ئەپەندىنىڭ خىتايدا ئەسلى ۋەقەنى بېشىدىن كۆچۈرگەن كۆپ كىشىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ خاتىرىلەپ، رەتلەپ چىققان بۇ رىيال تارىخي خاتىرىسى گوللاندىيىدە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ كىتاب چەتئەللەردە كىشىلەرنىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە خىتايدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقلا ئەمەس، پۈتۈن كوممۇنىزم لاگېرىدا يۈز بەرگەن بارلىق چوڭ ئاچارچىلىقلار ھەققىدىكى ئەس -خاتىرىسىنى قوزغاتتى. بۇ كىتابنى ئامېرىكىنىڭ پرىنستون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر مۇئەللىم خانىم خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ، خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئالدىنقى پوست" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى كۆپرەك مۇھاكىمە قىلىنىدىغان "كۆزىتىش ژۇرنىلى" قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ھازىر بۇ كىتابتىكى بايانلار ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

كوممۇنىزم پەيدا قىلغان ئاچ ئەرۋاھلار

ئەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندىنىڭ "ئاچ ئەرۋاھلار ‏- ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىق" ناملىق كىتابى 3 قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى بابى: دۇنيادا يۈز بەرگەن چوڭ ئاچارچىلىق؛ ئىككىنچى بابى: خىتايدا يۈز بەرگەن چوڭ ئاچارچىلىق؛ ئۈچىنچى بابى: ئالەمنى قاپلىغان يالغان. بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدا بايان قىلىنىشىچە، ئاپتور دۇنيادا يۈز بەرگەن چوڭ ئاچارچىلىقلارنى تىلغا ئالغاندا، خىتايدا مىللەتچى پارتىيە )گومىنداڭ( چوڭ قۇرۇقلۇقتىن تەيۋەنگە چېكىنگەن ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان "ئاق تاشلىق كىتاب" تا خىتايدىكى "قوساقنى تويغۇزۇش" مەسىلىسى دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئالاھىدە توختالغان. ماۋ زېدوڭ "خەلق گېزىتى"دا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئامېرىكىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەمەلىي مەسىلە ھەققىدىكى تەھلىلنى "ئىدېئالىزمچە تارىخىي نۇقتىئى نەزەر" دەپ تەنقىد قىلىپ، "جۇڭگودا قوساقنى تويغۇزۇش مەسىلىسىنى ئىنقىلاپ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭ تۇتۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بىزنىڭ خەلق ھۆكۈمىتىمىز يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا شىمالى جۇڭگو، شەرقى جۇڭگو رايونلىرىنىڭ ھەممىسىدە قوساقنى تويغۇزۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بولىدۇ" دەپ جاكارلىغان. بۇنىڭدىن 10 يىل ئۆتمەيلا، خىتايدا نەچچە ئون مىليون دۆلەت پۇقراسى "ئاچ ئەرۋاھلار"غا ئايلاندى. ماۋ زېدوڭنىڭ بۇ "دانا ھۆكۈمى" تەلتۆكۈس بەربات بولدى.

ئۇكرائىنىيىدە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىق

ئەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندى خىتايدىكى چوڭ ئاچارچىلىق بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1930 ‏- يىللاردا يۈز بەرگەن چوڭ ئاچارچىلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ بايان قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولغان ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن چوڭ ئاچارچىلىقنى سوۋېت كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى خېروشېۋ ئەپەندى "ئاچارچىلىقتا ئۆلگەن ئادەم سانىنى مىڭ، ئونمىڭ دېگەن سان بىلەن ئەمەس، بەلكى مىليون دېگەن سان بىلەن ھېسابلاشقا بولىدۇ. بۇ ساننى ھېچكىم ھېسابلاپ چىقمىغان، ھېسابلاپ چىقىشتىن قورققان، شۇڭلاشقا مەن بۇ ساننى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. بىراق مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇكرائىنادا ئۆلگەن ئادەم سانى كىشىنى چۈچىتىدۇ" دېگەن.

ئەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئاچارچىلىق ۋەقەلىرى ستالىن دەۋرىدە پەيدا بولغان. بولۇپمۇ ستالىن ئۆزىنىڭ يولغا قويماقچى بولغان سىياسەتلىرىگە قوشۇلمايدىغان بۇخارىنچىلارنى يوقاتقاندىن كېيىن، توسالغۇسىز ھالدا يېزا ئىگىلىكىنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش دېگەن ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ ئاچارچىلىق پەيدا قىلغان. 1930 ‏- يىلىدىن 37 ‏- يىلىغىچە كوللېكتىپلىشىش مەجبۇرىي يولغا قويۇلغان شۇ بىر نەچچە يىل يىل ئىچىدىلا 10 نەچچە مىليون ئادەم ئاچلىقتا ئۆلگەن. ئۇكرائىنادىلا 5 مىليون ئادەم ئۆلگەن. كېيىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۇكرائىنادا ئۆلگەن ئادەم سانىنى 8 مىليون 100 مىڭ دەپ تەخمىنلىگەن. 1988 ‏-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى "ستالىن ۋە ئۇنىڭ غالچىلىرى ئۇكرائىنادا ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ، ئۇكرائىنلىقلارغا قارشى چوڭ مىللىي قىرغىنلىق ئېلىپ باردى" دەپ بايان قىلدى.

ئەنگلىيىلىك مۇخبىر يازغۇچى جەسپېر بېيكېر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ماۋ زېدوڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قانچىلىك يېقىندىن ئەگەشكەنلىكىنى ماۋ زېدوڭ ئېيتقاندەك راستىنلا "سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ بۈگۈنى خىتاينىڭ ئەتىسى " بولغان ئىدى. ماۋ زېدوڭ خىتايدىمۇ، بىرىنچىدىن، كوممۇنالىشىش دېگەن ھەرىكەتنى مەجبۇرىي يولغا قويدى؛ ئىككىنچىدىن، ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما پاكىتنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇنى "ئوڭچىل پۇرسەتپەرەسلىك كەلتۈرۈپ چىقاردى" دەپ، پېڭ دېخۇئەيدەك يېتەكچىلەرنى جازالىدى. بۇنداق ئادالەتسىزلىككە قوشۇلمىغان ليۇشاۋچىدەك باشقا رەھبەرلەرنىمۇ يوقاتتى. ئەمەلىيەتتە، ماۋ زېدوڭ ئاچارچىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۆز خەلقىغە قارىتا چوڭ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى. ماۋزېدۇڭنىڭ بۇنداق جىنايەتنى سادىر قىلىشىغا جۇئېنلەي يانتاياق بولغان. (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.