گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئادىل ئابلىكىمنىڭ ئاچىسى كەۋسەر خانىم بىلەن سۆھبەت


2006.05.10

ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادىل ئابلىكىمنىڭ ئاچىسى كەۋسەر خانىم ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇ شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىنىسى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان شۋېتسىيىدە جەم بولۇشنى تەلەپ قىلغان.

كەۋسەر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر تۇققان قېرىندىشىنىڭ ئەركىنلىك چىققانلىقىدىن ئىنتايىن خوشال بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنراق بىر يەرگە كىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۋېتسىيىگە كېلىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.