ئاتاقلىق ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00
adil-hoshur-simda.jpg
ئاتاقلىق داۋاز 2002-يىلى ئىيۇلدا بېيجىڭدىكى جىنخەي كۆلى ئۈستىدە داردا ماڭماقتا. AFP

ئاتاقلىق ئۇيغۇر دارۋاز ئادىل ھوشۇرنىڭ دۇنيا جېنس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇيغۇر دارۋاز مەدەنىيىتىنى دۇنياغا نامايەن قىلغان باتۇرلىقى ھەممىگە مەلۇم. دۇنيا تارىخىدا مۇجىزە ياراتقان بۇ ئۇيغۇر يىگىتى يالغۇز ئۆز خەلقىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپلا قالماي، بەلكى دۇنيا خەلقلىرىنىڭمۇ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىدى.

بىراق يېقىندىن بېرى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە چىقىدىغان ئىنتېرنېت تور بېتى مۇنازىرە مەيدانلىرىدا، ئادىل ھوشۇر ھەققىدە "ئۇ جېنس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاشتا كۆز بويامچىلىق قىلغان"، "ئۇنىڭ نەتىجىسى بىز ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئەمەس" دېگەنگە ئوخشاش ئىجابىي بولمىغان ھەر خىل سۆز - چۆچەكلەر تارقالغان بولۇپ، بۇ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادىل ھوشۇر ئەپەندى مۇخبىرىمىز ئەقىدە بىلەن سۆھبەتلىشىپ ،مەزكۇر ئەھۋالدىن خەۋىرى بار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلدۈردى.