پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر ۋە ئۇ يېڭى كەشىپ قىلغان سېرىك مەيدانى

0:00 / 0:00
APH200205079198-Adil-150.jpg
" پەلەك شاھى،" دۇنياغا ئۇيغۇر دارۋاز مەدەنىيىتىنى تونۇتقان ئادىل ھوشۇر مۇۋەپپەقىيەتتىن كېيىن تەنتەنە قىلماقتا. AFP PHOTO / Beijing 07 May 2002

" پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر" كىچىكىدىن ئارزۇ قىلغان " ئادىل سېرىك مەيدانى" نى قۇرۇپ چىقتى. 4 مىليون يۇەن مەبلەغ بىلەن پۈتكەن يۆتكىلىشچانلىققا ئىگە مەزكۈر سېرىك مەيدانىدا 1300 كىشى ئۇيغۇر دارۋاز سەنئىتى ۋە ناخشا - ئۇسۇللىرىنى كۆرەلەيدۇ.

ئادىل ھوشۇر ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر دارۋازچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ئادىل ھوشۇر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.