ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى - ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى خىتاي بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا
2005.06.06
خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى " خىتايدىكى مۇددەتلىك پارتلايدىغان بومبىنى يوقىتىش" دېگەن تېمىدا خىتاينىڭ ئەيدىز ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى سانىنىڭ تۆۋەن مۆلچەرلىگەندىمۇ 840 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
خىتاينىڭ سەھىيە مىنىستىرى جياڭ ۋېنكاڭ 2001 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇنجى قېتىم خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ 600 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى باشلىقى بېيتس گىل بىر تەرەپتىن، ئەيدىز كېسىلىنى ئەزەلدىن چەتئەللىكلەرنىڭ كېسىلى دەپ قاراپ كەلگەن خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئەيدىز ئەھۋالىنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ بىر ياخشى بېسىلغان قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى بىر مىليونغا يېقىنلىشاي دېگەن تۇرۇقلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئۈنۈملۈك چارە قوللانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى توسالغۇ - نامراتچىلىق ۋە ساۋاتسىزلىق
بۇ يەردە (ئۇيغۇر ئېلىدە) ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتكە قارىغاندا، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئوخشاش يىڭنىنى ئىشلىتىشى بىلەن تارقىلىشى كۆپ ئېغىر ئىكەن.
بېيتس گىل پەيشەنبە كۈنىدىكى مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا يەنە، خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەپ بولۇۋاتقان ئامىللار بىلەن، ئۇنى ئۈنۈملۈك داۋالاشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى نامراتچىلىق ۋە ساۋاتسىزلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى تېزلىتىۋاتقان ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەسلەشتۈرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەب بولغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك
مەزكۇر ئورۇن دوكلاتتا يەنە، خىتايدىكى ئەيدىز ئەھۋالى ئېغىر رايونلارنى 3 تۈرگە ئايرىغان. ئۇ بولسىمۇ، خىتاينىڭ شەھەرلىرىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى جىنسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى ئىختىيارىيلىشىشىدىن كېلىپ چىقسا، شەرقتە جىنسىي سودىنىڭ ئەۋج ئېلىشى سەۋەبىدىن، غەربتە بولسا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەھۋالىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. بېيتس گىل ئەپەندى بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئەھۋالىنىڭ بىر قەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى.
"بىز خىتايدىكى چېغىمىزدا، بىر قىسىم زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى، خىتاينىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا بولۇپمۇ خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ رايونىدا، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەھۋالى ناھايىتى كەڭ تارقالغان ئىكەن، ھەتتا بۇ ناھايىتى ئوچۇق-ئاشكارا بولىدىكەن. بۇ يەردە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتكە قارىغاندا، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئوخشاش يىڭنىنى ئىشلىتىشى بىلەن تارقىلىشى كۆپ ئېغىر ئىكەن".
بېيتس گىل ئەپەندى سۆزىدە يەنە، زەھەرلىك چېكىملىكنى تومۇردىن ئۇرۇش ئەھۋالىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتايىن بىر ئېغىر مەسىلە بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ رايونغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
"ئادەتتە خىتاي نوپۇسنىڭ ئاران 5-6٪ ئىنى تەشكىل قىلىدىغان، خىتاي بولمىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشى تەڭپۇڭسىز ھالدا ناھايىتى ئېغىر ئىكەن. ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن تېخىمۇ نامرات ۋە مائارىپقا ئوبدان ئېرىشەلمىگەنلىگىدىن باشقا يەنە، قانداق سەۋەبلەرنىڭ بارلىقى، ماڭا ئۇنچە ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ياشايدىغان جايلار، زەھەرلىك چېكىملىكلەر كىرىشكە قولاي بولغان چېگرا رايونلىرى".
ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت، ھۆكۈمەتنىڭ ئەيدىز ئەھۋالىغا سەل قارىشىغا سەۋەب بولمايدۇ
ھازىرغىچە، مېنىڭ بىلىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەيدىز ئەھۋالىغا قايتۇرغان ئىنكاسى، خىتاينىڭ بۇ يەردە سىياسىي مۇقىمسىزلىق پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن ئەمەس.
بېيتس گىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە ياخشى ئېتىبار بەرمەسلىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا تېخىمۇ ئېغىرراق ئاقىۋەت پەيدا قىلغان. گىل ئەپەندى گەرچە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما بۇ زىددىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيدىز ئەھۋالىغا سەل قارىشىغا سەۋەب بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ھازىرغىچە، مېنىڭ بىلىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەيدىز ئەھۋالىغا قايتۇرغان ئىنكاسى، خىتاينىڭ بۇ يەردە سىياسىي مۇقىمسىزلىق پەيدا بولۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن ئەمەس".
مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان، ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەيدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش پروگراممىسىغا مەسئۇل تەتقىقاتچىسى سارا پالمېر ئۇيغۇر ئېلىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ 40-50٪ ئىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"مېنى قىززىقتۇرغان سانلىق مەلۇمات- خىتاي زادى قانچىلىك كىشى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى؟ بۇلارنىڭ قانچىلىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ چىقتى؟ بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ مېنى ئۆزىگە قىززىقتۇرۇشىدىكى سەۋەب، بىز ھەتتا ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلەپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى 840 مىڭ دېدۇق. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 10 كىشىنىڭ 9 ئى ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۇلارنىڭ نەدىلىكىنىمۇ ئۇقمايدىكەن. بۇ روشەنكى، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشىدا ئېغىر مەسىلە مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ".
خىتاينىڭ سەھىيە سېستىمىسىدىكى يېتەرسىزلىكلەر
خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدىكى بېيتس گىل يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ سەھىيە سىستېمىسى ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تىلغا ئالدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىچە خەلققە بېرىدىغان ساغلاملىق تەمىناتلىرىنى بارغانسېرى قىسقارتىپ، ئۇلارنى شەخسىي داۋالىنىشقا قويىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ، چەت-ياقا رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر ۋە داۋالىنىشقا ئېرىشىشىنى تەسلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ روشەن نامايەن بولغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.
نۆۋەتتە، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 10 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلماقتا. ئەمما خەلقئارا ئورگانلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى تەشۋىقات بىلەنلا چەكلەنمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەيدانغا چىقماقتا
- خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەيدىز ۋاكسىنى ئۇرۇش سىنىقىنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولىدۇ؟
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدە توختالدى(1)
- دوكتور مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندى بىلەن ئەيدىز يېتىملىرى ھەققىدە سۆھبەت