خىتاينىڭ ئاي شارى ئوربىتىسىغا سۈنئىي ھەمراھ چىقىرىشى ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا ئالەم تېخنىكىسى مۇسابىقىسىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن


2007.10.25

24- ئۆكتەبىر چارشەنبە كۈنى، خىتاي ئاي شارىنى تەكشۈرىدىغان تۇنجى سۈنئىي ھەمراھىنى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئوربىتىغا يوللاپ، ئۆزىنىڭ 10 يىللىق ئالەم قاتنىشى پىلانىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بەرگەن خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي رىۋايەتلىرىدىكى ئايغا ئۇچۇپ كەتكەن ئاي پەرىسىنىڭ نامىدا ئاتالغان چاڭئې1 تىپلىق سۈنئىي ھەمراھنى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن قويۇپ بەرگەن.

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھنى خىتاي ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئۇزۇن سەپەر 3ئا تىپلىق راكېتا ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ ماڭغان بولۇپ خىتاي ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بەرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھازىرچە توشۇش ئىشلىرىدا غەيرىيلىك كۆرۈلمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى: "خىتاينىڭ ئالەم تېخنىكىسى مۇسابىقىسى ھاسىل قىلىش نىيىتى يوق"

خىتاي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھ 5 -نويابىر ئەتراپىدا ئاي شارى ئوربىتىسىغا كىرىپ، خىتاينىڭ يەر شارى كونترول قىلىش مەركىزىگە ئاي شارىنىڭ كىلىماتى، يەر تۈزۈلۈشى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى ئەۋەتىشنى باشلايدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھىنىڭ پەقەت بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، جۇڭگو گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئالەم قاتنىشىغا مەسئۇل كوماندىرى لۈەن ئەنجيې، خىتاينىڭ ھەرگىزمۇ ھېچقانداق بىر دۆلەت بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە ئالەم تېخنىكىسى مۇسابىقىسى ھاسىل قىلىش نىيىتى يوقلۇغىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ پەقەت ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچ يوسۇندا پايدىلىنىشنى ئىستەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ھەربىي مۇتەخەسسىس ئاندرېۋ ياڭنىڭ : "خىتاينىڭ ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىغا ھەربىي مۇددىئاسىمۇ سىڭىپ كەتكەن"

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى خىتاينىڭ مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھىنىڭ پەقەت ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما غەرب مەتبۇئاتلىرىدا، خىتاينىڭ ئاي شارى ئوربىتىسىغا بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھىنى چىقىرىشى بىلەن ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا يوشۇرۇن مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ئالەم تېخنىكىسى مۇسابىقىسىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن، دېگەنگە ئوخشاش قاراشلار مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى.

ب ب س دا كۆرسىتىشىچە، تەيۋەنگە جايلاشقان سىياسەت تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى ھەربىي مۇتەخەسسىس ئاندرېۋ ياڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر ئالەم بوشلۇقى ھەربىي تېخنولوگىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىغا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە ھەربىي مۇددىئاسىمۇ سىڭىپ كەتكەن ئىكەن.

ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا "تېخنولوگىيە مىللەتچىلىكى" مەۋجۇت

5- ئۆكتەبىر ياپونىيە ئالەم بوشلۇقى ئېكسپېدىتسىيە ئىدارىسى، ياپونىيىنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرىدىغان سۈنئىي ھەمراھنى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئاي شارى ئوربىتىسىغا كىرگۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتمەي، خىتايمۇ ئۆزىنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى قويۇپ بەرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان كېلەر يىلى ئاپرېلغىچە ئاي شارى ئوربىتىسىغا تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھىنى چىقىرىشنى پىلان قىلىۋاتقان ئىكەن.

خرىستىئان ئىلمى كۆزەتچىسى گېزىتى مۇخبىرى سىياسىي تەھلىلچى پېتىر فوردنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي، ھىندىستان، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شۇنداق تېخنىكىلارنى بەس-بەستە تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى “تېخنولوگىيە مىللەتچىلىكى” دەپ ئاتايدىغان لىقىنى كۆرسەتتى.

ئاسىيا ئەللىرى بىر-بىرىدىن ئەنسىرەيدۇ

دەرۋەقە، مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئۇتۇقلۇق قويۇپ بېرىلىشى خىتايلارنىڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ 2003- يىلى ئادەم سېلىنىدىغان ئالەم كېمىسى بىلەن ئالەمنى ئايلىنىپ قايتىپ كەلگەن ئۇچقۇچىسى ياڭ لىۋېي خىتاينىڭ مىللىي قەھرىمانىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي بۇ يىل 19- يانۋاردا خىتاي ئۆزىنىڭ يەرشارى ئوربىتىسىدىكى سۈنئىي ھەمراھىنى، باشقا دۆلەتلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويمايلا ئېتىپ چۈشۈرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشى دۇنيا خاراكتېرلىك نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.

خرىستىئان ئىلمىي كۆزەتچىسى گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ھىندىستان خىتاينىڭ ئىنتىلىشلىرىدىن، بولۇپمۇ بۇ يىل يانۋاردا ئېلىپ بارغان ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىدىن سەل جىددىيلىشىۋاتقان، ياپونىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولسا، ياپونىيە شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىدىن ئەنسىرەيدىكەن.

خرىستىئان ئىلمى كۆزەتچىسى گېزىتىدە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئىنستىتۇتىدىكى ئالەم بوشلۇقى مۇتەخەسسىسى جوان جونسون-فرىسىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى " تېخنولوگىيە مىللەتچىلىكى" بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئاسىيا ئەللىرى ۋەتەن ئىچىدە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بولسا، خەلقئاراغا دۆلەت كۈچىنى نامايان قىلماقتا ئىكەن.

تەھلىلچىلەر: " ئاسىيادا ئالەم تېخنىكى مۇسابىقىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ "

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ دۆلەتلەر ئالەم تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆز دۆلەت كۈچى ھەققىدە داۋراڭ سېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىئو قانىلىدا خىتاينىڭ ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى دىن چاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ خىل خاھىشنى بىرخىل ئالەم تېخنىكىسى مۇسابىقىسى دەپ ئاتاشقا بولىدىكەن.

دىن چاڭ: " مەن ئاسىيادا ئالەم تېخنىكى مۇسابىقىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ دېيەلمەيمەن " دەيدۇ. ئۇ يەنە، ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ، ئاي شارى ئوربىتىسىغا سۈنئىي ھەمرا چىقىرىش، ئالەم كېمىسى ياساش ۋە ئاخىرىدا ئايغا ئادەم چىقىرىش قاتارلار ئارقىلىق، ئالەم تېخنىكىسى بۇيىچە ئاسىيادىكى يېتەكچى كۈچ بولۇش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسىدا مۇسابىقىسىنىڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئاي شارى ئوربىتىسىغا مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىشى خىتاينىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈشتىكى تۇنجى قەدىمى بولۇپ، خىتاي 2012 ‏- يىلى ئاي يۈزىگە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قوندۇرۇش، 2017- يىلغا كەلگەندە ئاي يۈزىگە ئالەم ئۇچقۇچىسى چىقىرىشنى پىلان قىلماقتا ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.