ئالىم سېيتوف: ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈمىد بىلەن ياشىشى كېرەك

0:00 / 0:00

28 ‏- ماي كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ 5 ‏- قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتتا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ ئىشلەپ كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، يېڭىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ، باش كاتىپلىقنى پۈتۈن كۈن ئورۇنلاش ئۈچۈن ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە ئالىم سېيىتوف بىلەن سۆھبەتلەشتى.