
يېقىندا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېينى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلدى.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە مول ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئىگە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنى تېخىمۇ جەلىپ قىلدى. بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ھەققىدە گۇۋالىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىملىقىنى كۈنسايىن تونۇپ يەتمەكتە
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە شۇنىڭدەك يەنە ۋاشىنگتوننىڭ رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرىگە بولغان رۇسىيە ۋە خىتاي تەرىپىدىن پەيدا قىلىنىۋاتقان رىقابەتلەرمۇ ئوخشاشلار كۈچەيمەكتە. بۇ مەسىلە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نىسبەتەن قانداق بىر ئۈنۈملۈك سىياسەت قوللىنىش چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە ئېنىق بىر يۆلۈنۈش بېكىتىشكە ئۈندىمەكتە.
نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئامېرىكىنىڭ مەيدانى بىلەن ئاشكارا قارشىلىشىۋاتقان دۆلەت ئۆزبېكىستان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنىڭ ئەنجان ۋەقەسى ھەم بۇ دۆلەتتىكى دېموكراتىك ئىسلاھات مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەكلىپلىرىنى رەت قىلىپلا قالماستىن بەلكى، ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى خەيرىخاھلىق ياردەم تەشكىلاتلىرىنى شۇنىڭدەك ھەربىي بازىسىنى تاقىدى ھەمدە بۇ دۆلەتتىكى ئازادلىق رادىئوسى، ب ب س رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىنى تاقىۋەتتى. بۇ ئەھۋاللارنىڭ ۋاشىنگتون رەھبەرلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەي قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئۆزبېكىستانغا ئەمبارگو بېرىش تەكلىپلىرى مەيدانغا چىقتى
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 10 - مايدىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى ئۆزبېكىستاننىڭ ئىنسان ھوقۇقىغا قىلىۋاتقان تاجاۋۇزى تۈپەيلىدىن ، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ئەمبارگو يۈرگۈزۈشى تەكلىپ قىلدى. بۇ ئىككى نەپەر جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كېلىپ چىققان مەجلىس ئەزالىرى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ بىر خەلقئارالىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسى جەريانىدا دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلغاندىن كېيىنلا ئۆزبېكىستانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگونى بىكار قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار ئۆزبېكىستاندا ئىنسان ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۈزگە ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكەن.
ئەلۋەتتە، تاشكەنت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستان ئۆكتىچى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خەلقئارا جەمىيەتكە بىلدۈرۈلۈپ كېلىۋاتاتتى، شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۆزبېكىستان دېموكراتىك قۇرۇلتىيى بۇ مەسىلىدە بىر قانچە قېتىم بىلدۈرۈشلەرنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ئابدۇرېيىم پولاتوۋ ۋە جاھانگىر مەمەتوپ قاتارلىقلار ئىزچىل تۈردە خەلقئارا جەمىيەتكە ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ كەلمەتە.
دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە يىغىن ئېچىلدى
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە " ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىتى" دېگەن تېما ئاستىدا بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا سۆزلىگەنلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە ياردەمچە مىنىستىرى رىچارد باۋچىر ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى جېمىس ماكدۇگال قاتارلىقلار ئىدى.
"ئوتتۇرا ئاسىيا ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن مۇھىمدۇر" دەيدۇ رىچارد باۋچىر " بىز ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆزارا ۋە ئامېرىكا بىلە ھەمكارلاشقان، دېموكراتىيىلاشقان ۋە گۈللەنگەن مەملىكەتلەردىن بولۇپ تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈمىز".
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى جېمىس ماكدۇگال سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان بىخەتەرلىك، تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ۋە ھەربىي ھەمكارلىق قاتارلىق ساھەدىكى ئىش بىرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن ھازىر ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان بىلەن ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ كىرا ھەققى مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى، كىرا ھەققىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكى ھەمدە ئىككىلا تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان قارارغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان "ئەركىنلىك ئۆيى" نىڭ ۋەكىلى لىزا دېۋىس ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىيە مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى رايوندىكى دېموكراتىك تەرەققىياتقا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
يىغىندا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى خىتاي ۋە رۇسىيە ھەم ئىراننىڭ تەسىرى مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى رولى ھەققىدە سۆز بولغاندا، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ رەھبىرى ئەربابى جېمىس ماكدۇگال" بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىشلىرىنى دىققەت بىلەن كۆزىۋاتىمىز" دېيىش ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاستانا يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلىشىدىن بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بىئارام بولغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئامېرىكىنىڭ ھەمكارچىلىرىدىن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجابىي تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئاخىرىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىدىن ئۇنىڭ ۋەزىيىتىنى باھالاشنىڭ تەسلىكى ، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا زور دىققەت ئېتىبارىنى بېرىشىنى تەكلىپ قىلغان.
دىك چېينى ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلدى
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېينىنىڭ قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى شۇنىڭدەك ئۇلاپلا رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيە ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىلىرىدە چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ موسكۋانى تەنقىد قىلىش، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە ئېنېرگىيە رايونلىرىدا مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقان رۇسىيىگە نىسبەتەن ئاگاھلاندۇرۇش بولغان. دىك چېينىنىڭ قازاقىستان سەپىرى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىدە يېڭى باشلىنىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.(ئۈمىدۋار)