ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدىن ساقىت قىلىنغان تاشكەنت
2005.10.10

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس خانىم 10-ئۆكتەربىردىن 13-ئۆكتەبىرگىچە بولغان تۆت كۈنلۈك ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى جەريانىدا ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستاندا رەسمى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. ئەمما ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتلىك مەزكۇر سەپەرنىڭ پىلانىغا تاشكەنت كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستانغا تۇتقان سىياسىتى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىقتۇر.
كوندالىزا رايىس خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى يەنى ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار رەھبىرىلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان ئىستراتېگىيىلىك سەپىرىدىن تاشكەنتنىڭ قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى بىشكەك ۋە دۈشەنبىلەرنىڭ ئورۇن ئېلىشى كۆپلىگەن مۇلاھىزىلەر ۋە مۇنازىرىلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.
رايىس خانىمنىڭ تاشكەنتنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى
2001-يىلىدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرىشىدىكى ئىتتىپاقچىسىغا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابى نەتىجىسىدە ئاقايېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دېموكراتىك يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تىكلىنىشىدىن كېيىن تاشكەنت رەھبەرلىرى ئۆز ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. 13-مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا دەرھال تاشكەنت رەھبەرلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇلارنى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا ۋە ئەنجان ۋەقەسى ھەققىدە خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەلەپلىرى تاشكەنت رەھبەرلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ كەلدى. ئارقىدىنلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىپ كېتىشكە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسلام كېرىموف ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىدىن 6 ئاي ئىچىدە ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كېرىموف ھۆكۈمىتى ئارىسىدا بىر قانچە قېتىملىق ئۇچرىشىشلار بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۈنۈم بەرمەي، ۋاشىنگتون –تاشكەنت مۇناسىۋەتلىرى ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.
ئۆزبېكىستان دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ،سابىق ئۆزبېكىستان پارلامېنت ئەزاسى جاھانگىر مۇھەممەد ئەپەندى كوندالىزا رايىس خانىمنىڭ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلماسلىقىدىكى سەۋەب، ئىسلام كېرىموفنىڭ دېموكراتىيىگە قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ھەمدە ئەنجان ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا بار دەپ دائىم ئامېرىكىنى ئەيىبلىشى ۋە باشقىلار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشكەنتنى تەنقىد قىلدى
ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئۆزبېكىستان مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئېچىلىپ، ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىنىڭ ئىشلىتىلىش ھەققى ھېسابلانغان 23 مىليون دوللارنى تاشكەنتكە بېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە ئاۋاز بېرىلگەن.
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون ماككېيىن ئەپەندى "بازىنىڭ ھەققىنى بېرىشىمىز ناھايىتى مۇھىم، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئۆز سۆزىدە تۇرۇشى ۋە خەلقئارا جەمىيەت ئالدىدا بىر دىكتاتۇرنىڭ غەزىنىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن ھەسسە قوشماقچى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىشى تېخىمۇ مۇھىمرارقتۇر" دېدى. ئۇ يەنە، " ئۆزبېكىستان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقتا زىممىسىگە ئالغان بىر قاتار مەجبۇرىيەتلەرنى بېجىرمىدى" دەپ تەكىتلەش بىلەن تاشكەتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى قوغداش ۋە ئۆز پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرمەسلىك ھەم باشقا مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تاشكەنتنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشىمۇ مۇھىم ئامىل
ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن تاشكەنت رەھبەرلىرى بىردىنلا رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا باشلىغان. ئىلگىرى رۇسىيىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھەم كوللىكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا تاشكەتنى كىرگۈزۈش تەكلىپلىرىنى رەت قىلىپ، رايون خاراكتېرلىق تەشكىلاتلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن ئىسلام كېرىموف يېقىندا رۇسىيە بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى شۇنىڭدەك يەنە تېخى ئۆتكەن ئايدا رۇسىيە بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
ئىسلام كېرىموف يەنە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتەرگەن بولۇپ، ئەنجان ۋەقەسى بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېرىموف بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزدى. بېيجىڭ ئىسلام كېرىموفنى ئاشكارا ھالدا قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش تەلىپى بىلەن قارشى مەيدانىنى ئىپادە قىلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىمۇ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى تاقاش تەكلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى يىغىندا بۇ مەسىلە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جون ماككېيىن ئەپەندى" بۇ توغرىسىدا تولۇق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمەن، ئەمما بىلىمىزكى، ئۆزبېكىستان رۇسىيە، خىتاي بىلەن ئالاقىلىرىنى يېڭىلىغان ۋە ئۇلارغا يېقىن ھەمكارچى سۈپىتىدە قارىماقتا، كېرىموف ئەپەندى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي بىلەن يەنە يېقىنلاشتى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆز خەلقىغە قارشى ئوت ئاچىدىغان ھۆكۈمەتنى قوللىماقتا" دېدى.
جاھانگىر مۇھەممەد ئەپەندى ئىسلام كېرىموفنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق شەرتلىرىگە كۆنگەنلىكى، ئۇنىڭ مەنپەتى بىلەن خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش مەنپەتلىرىنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشىدا خىتاي بىلەن رۇسىيە مۇھىم قوللىغۇچىلىق رولىنى ئوينىدى. شۇڭا رايىس خانىمنىڭ بۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى جۈملىدىن ئۆزبېكىستاندىن كۆزلىگەن مەقسىتى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايىس خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ پرېزىدېنت جورجى بۇشنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى يېيىش سىياسىتىنى تەرغىپ قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەشنىمۇ ئاساسىي مۇددىئا قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستاندىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە كۆزلىگەن مەقسىدى ھەققىدە؛ جاھانگىر ئەپەندى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىسلام كېرىموف ھېچقاچان دېموكراتىيىنى تەرغىپ قىلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغانلار بىلەن دوست بولمايدۇ. ئەكسىچە خىتاي ۋە رۇسىيىدەك دېموكراتىيىگە قارشى كۈچلەر بىلەن دوست بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى بۇنى ئىسپاتلىدى. ئەمما ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ دېموكراتىك جەمىيەت قۇرۇشىنى، خەلقنىڭ پاراۋان ۋە تىنچ ياشىشى، دىكتاتۇرۇلۇققا خاتىمە بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئەمما كېرىموفنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ، چۈنكى كېرىموف يەنىلا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ياكى بولمىسا، ھاكىمىيەتنى قىزىغا ۋە ياكى يېقىن ئادەملىرىگە ئۆتكۈزىشىنى خالايدۇ. چۈنكى، 2007-يىلى سايلام بولىدۇ. ئۇ ئۆز ئورنىنىڭ يوقىلىپ، خەلقنىڭ سوت قىلىشى، ئەنجان ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن سوتلىنىشىدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۇ رۇسىيىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ھەتتا ۋلادىمىر پۇتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە سوغا تەرىقىسىدە ئۆزبېكىستاننى رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقداش قىلىش تەكلىپلىرىنىمۇ قويغان. ئىسلام كېرىموف ھېچقاچان ئۆزبەك خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىمىگەن، ئۇ پەقەت ئۆز مەنپەئەتلىرىنىلا كۆزلەيدۇ خالاس!
ئىسلام كېرىموفنىڭ ئاقىۋىتى مەۋھۇم
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلام كېرىموفنى ئەنجان ۋەقەسى ھەققىدە مۇستەقىل خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى شۇنىڭدەك ئىنسان ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىپ، دېموكراتىيىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىزچىل تەلەپ قىلدى. لېكىن تاشكەنت رەھبەرلىرى بۇ تەلەپلەرنى ئىجرا قىلماستىن ئەكسىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ قوللىشى ئارقىلىق غەرب دۇنياسىنىڭ تەلىپىگە قارشى چىقتى. نەتىجىدە، ئامېرىكا-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە بۈگۈنكىدەك يىرىكلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. جاھانگىر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىسلام كېرىموفنىڭ كېلەچىكىگە نىسبەتەن پاسسىپ ئامىللاردۇر. شۇڭا ئۆزىگە چىقىش يولى ئىزدىمەكتە.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى كوندالىزا رايىستىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رۇمسفەلدمۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى جەريانىدا ئۆزبېكىستاننى تاشلاپ ئۆتۈپ كەتكەن . يېقىندا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىر دانىئەل فرىد تاشكەنتنى زىيارەت قىلىپ، كېرىموف بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن رايىس خانىمنىڭ ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلىشىنىڭ كېرىكى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن ھەپتىدە بولسا، رۇسىيىنىڭ سانكىت پېتىربۇرگ شەھىرىدە ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتتى، بۇنىڭغا ئۆتكەن يىلى بۇ تەشكىلاتقا قوشۇلىۋالغان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ساھىپخانلىق قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى قايتىدىن رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى كېڭەيتىشنى زۆرۈر دەپ بىلدى.ھەتتا نازاربايېۋنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىتتىپاقى قۇرۇش ئىدىيىسىنىڭ رېياللىققا ئايلىنىۋاتقانلىقى ، كېرىموف ۋە نازاربايېۋلارنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، يېڭىچە سىستېما بەرپا قىلىش ئىدىيىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھەققدىمۇ ئۇچۇر تارقالماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كوندىلىزا رايىس ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە ئۆزبېكىستانغا بارمايدۇ
- ئامېرىكا ئۆزبېكىستانغا بەرمەكچى بولغان ياردەم پۇلنى توڭلاتتى
- تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندىن چېكىنىدىغان ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار
- ئامېرىكا ئۆزبېكىستاننى تەنقىد قىلدى
- ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يەردىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن
- كوندىلىزا رايىس، قازاقىستان بىلەن ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى
- ئۆزبېكىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ئافغانىستاندىكى ھەربىي پائالىيەتلەرگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ