نازاربايېۋ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى
2006.09.27

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ 26-سېنتەبىر كۈنى ئىسپانىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئامېرىكا سەپىرىنى باشلىدى ھەمدە سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى. "بۈگۈنكى قازاقىستان" ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرسۇلتان نازاربايېۋ شۇ كۈنى كەچتە ئالدى بىلەن ھازىرقى پرېزىدېنت جورجى بۇشنىڭ دادىسى بۇشنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان مايىن شىتاتىدىكى كېننېن بانكپورت دەگەن جايىدىكى تۇرالغۇ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ، چوڭ بۇش بىلەن كەچلىك زىياپەتتە بولغاچ كەلگۈسى ئامېرىكا-قازاقىستان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك باھالىغۇچىلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ ئالدى بىلەن جورجى بۇشنىڭ دادىسىنىڭ شەخسىي تۇرالغۇ جايىدا كۆرۈشىشى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ نازاربايېۋقا ھەم ئۇنىڭ زىيارىتىگە نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجە بىلەن قارىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
Kazakhstan Today نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت نازاربايېۋ بىلەن سورۇندا بىرگە بولغان قازاقىستاننىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى سائۇدابايېۋ نۇرسۇلتان نازاربايېۋ بىلەن چوڭ بۇشنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ناھايىتى ئىللىق كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، "بۇ بىر-بىرىنى بۇرۇندىن تارتىپ ياخشى بىلىشىدىغان ئىككى شەخسنىڭ ئىللىق ھەم دوستانە ئۇچرىشىشى بولۇپ، بۇنداق كۈتۈۋېلىش نۇرسۇلتان نازاربايېۋقا بولغان ئالاھىدە ھۆرمەت ھەم قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە بولغان ئەتىراپ قىلىشنىڭ بەلگىسىدۇر" دەپ ئىزاھات بەرگەن.
سائۇدابايېۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەنە شۇ چوڭ بۇش ئەينى ۋاقتىدا ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى سۈپىتىدە ئۆزى بىۋاسىتە قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەتىراپ قىلغان ھەم ئىككى مەملىكەت ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئاساسىنى سالغان بولۇپ، دېمەك ئۇلار ئارىسىدا بىرگە ئەسلەيدىغان ئەشۇ نۇقتىلار بار".
نۇرسۇلران نازاربايېۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ كۈن تەرتىپ بويىچە، ئۇ 27 -28 –سېنتەبىر كۈنلىرى پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ شۇنىڭدەك يەنە 28-سېنتەبىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ۋاشىڭتوندىكى ئەلچىخاسى ئالدىغا ياسالغان قازاقىستان مۇستەقىللىقى مۇنارىسىنىڭ يوپۇغىنى ئاچىدۇ. جۈمە كۈنى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئاق سارايدا پرېزىدېنت جورجى بۇش تەرىپىدىن رەسمىي رەۋىشتە كۈتىۋېلىنىپ، سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئامېرىكا –قازاقىستان ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى
قازاقىستان مەركىزىي ئاسىيادىكى مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي نېفىت زاپىسىنىڭ 24 مىليارد باررەل ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. فرانسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان گەرچە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىلگىرى دېموكراتىيەنىڭ چەكىنىشى ۋە ئىنسان ھوقۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى جەھەتلەردە تەنقىدلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق مول نېفىت زاپىسى ۋە ئىقتىسادىي ئاساسى ئامېرىكىنىڭ قازاقىستانغا دىققەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى بولۇپ، يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى قازاقىستاننىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورنىدۇر. ئۇ، شەرقتە خىتاي، غەرب ۋە شىمالدا رۇسىيە، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، جەنۇپتا قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلانغاندىن سىرت يەنە كەسپىي دەڭىز ئارقىلىق ئىران ۋە كاۋكازىيە دۆلەتلىرى بىلەن قوشنا. كاسپىي بويى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي –سىياسىي ۋە ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيە چەمبىرىكىگە كىرگەن جايلاردۇر.
ئۆتكەن يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى ئىتتىپاقچى تاللاشقا تۇتۇش قىلغان بولۇپ، قازاقىستان ئۇنىڭ نەزىرىدىن ئورۇن ئالدى. 5-ئايدا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنىينىڭ ئاستانا سەپىرى ئامېرىكىنىڭ قازاقىستانغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.
ھازىر، ئامېرىكا قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى مەملىكەت بولۇپ، 1993-يىلىدىن بۇيان سالغان مەبلىغى 12 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.
بۇش بىلەن نازاربايېۋ ئارىسىدا دېموكراتىيە مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىشى مۇمكىن
جۈمە كۈنى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئاق سارايدا جورجى بۇش تەرىپىدىن كۈتىۋېلىنغاندا، ئۇلار ئارىسىدا بولىدىغان سۆھبەتلەرنىڭ مەزمۇنى ھازىرچە ئېنىق بولسىمۇ، بىراق، بۇ جەرياندا قازاقىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىش مەسىلىسىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنىشى پەرەز قىلىنماقتا.
قازاقىستانلىق مۇخبىرى ئېلېنا سوكولوۋانىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، جۈمە كۈنى بۇش بىلەن نازاربايېۋ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇش، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى شۇنىڭدەك ئىككى مەملىكەت ئۈچۈن ئورتاق بولغان بىخەتەرلىك ۋە ئەركىنلىك ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرىلىدۇ. فرانسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقى بولسا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىلا ئىسلاھاتنى ئىلگىرىلىتىش تەلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كوپ قىرلىق مۇناسىۋەت بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا يەنە نازاربايېۋنىڭ 2009-يىلى ياۋروپا بىخەتەرلىكى ھەم ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولۇشىنى قوللىماقتا.
نازاربايېۋ توت قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان
نازاربايەۋ تۇنجى قېتىم 1992- يىلى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتى 1994-يىلى بولغان. بۇ قېتىم ئۇ پرېزىدېنت كلىنتون بىلەن قازاقىستان-ئامېرىكا ھەمكارلىق كېلىشىمىگە قول قويغان.
1997-يىلى يەنە بىر قېتىم ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت كلىنتون بىلەن نېفىت- تەبىئىي گاز، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق قاتارلىق تەرەپلەردە كېلىشىملەر ئىمزالىغان. 2001-يىلى بولسا، ۋاشىنگتوندا پرېزىدېنت بۇش بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا بىلەن قازاقىستاننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئالىمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 15 يىللىق مۇستەقىللىقى ھەققىدىكى يەكۈنلىرى
- نۇرسۇلتان نازاربايېف 9 - ئاي ئاق ساراينى زىيارەت قىلىدۇ
- ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى قازاقىستاننى زىيارەت قىلدى
- قازاقىستان پادىشاھلىق دۆلەت بولامدۇ؟
- قازاقىستان پرېزىدېنتى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى
- ئامېرىكا -موڭغۇلىيە ھەربىي ھەمكارلىقى پىشىپ يېتىلمەكتە
- ئامېرىكا ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش نىيىتىنى ئىپادىلىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تېمىسىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
- ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرىدىغان ھەربىي قىسىملىرىنى قىسقارتىشى مۇمكىن
- ئامېرىكا قازاقىستاننى مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بوغقانلىقى بىلەن ئەيىبلىدى
- خىتاينىڭ ئىران پرېزىدېنتىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەكلىپ قىلىشى ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرغانلىقمۇ؟