قىرغىزىستان –ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى نەگە يۈزلىنىدۇ؟
2006.12.18

قىرغىزىستان - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى 6 - دېكابىر كۈنى ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى قوغداۋاتقان بىر ئامېرىكا بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ، يېقىلغۇ توشۇيدىغان بىر قىرغىزىستان شوپۇرىنى ئېتىپ تاشلىغاندىن كېيىن سوغۇقلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن قىرغىزىستان جامائىتىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولغان. گەرچە ئامېرىكا تەرەپ مەزكۇر بىخەتەرلىك ساقلاش خادىمىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قورال ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى، چۈنكى ئۆلگۈچى قىرغىزىستان شوپۇرىنىڭ ئۇنىڭغا پىچاق بىلەن تەھدىد سالغانلىقىنى ئىزاھلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ بەرىبىر قىرغىزىستان جەمىيىتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت قاتلىمىدىكى ئەربابلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى باسالماي، مەزكۇر مەسىلە قىرغىزىستان –ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلىشقا تەگىشلىك مەسىلىگە ئايلاندى.
ئوقۇغۇچىلارمۇ نارازىلىق بىلدۈردى
قىرغىزىستان ئۇچۇر ئاگەنتلىقلىرىدىن "24 سائەتنىڭ " 13-دەكابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بىر قىسىم قىرغىزىستان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىشكەك شەھىرىدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا توپلىنىپ، مەزكۇر قىرغىزىستان پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى پىلانلىغان. ئۇلار ئۆز بىلدۈرۈشىدە، " ئامېرىكىلىقلار پىلىموت باسقان ماشىنىلار بىلەن يۈرۈيدۇ. ئۇلار كىملەر بىلەن ئۇرۇشماقچى؟ ئۇلار بىلىشى كېرەككى، تالىبلار ئافغانىستاندا، بىز بولساق ھۆرمەت تەلەپ قىلىدىغان تىنچ، ئەمما ئىپتىخارلىق خەلق، مۇنداق ئۆلتۈرۈشنىڭ يەنە يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەت بارمۇ؟" دەپ يازغان.
ئوقۇغۇچىلار يەنە 2002-يىلى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى خادىملىرىنىڭ ئىككى نەپەر قىزنى ماشىنا بىلەن ئۇرۇۋەتكەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار ئەھۋاللارنى مىسال قىلىپ، كۆرسىتىپ، ئامېرىكىغا نارازىلىقىنى ئىپادە قىلغان.
ئامېرىكا بازىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە قىرغىزىستان سىياسەت قاتلىمىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن مۇنازىرە قىلىشقا شۇنىڭدەك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نوتا تاپشۇرىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، قىرغىزىستان پارلامېنتى 15-دېكابىر كۈنى بىر قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتتىن ئامېرىكا بىلەن 2001 - يىلى ئىمزالا'غان ماناس ئايرودرومىنى ئىجارىگە بېرىش كېلىشىمىنى ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنى ئىجارىگە بېرىشنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. قارار لايىھىسىدە " قىرغىز خەلقى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن ئەندىشە قىلىپلا قالماي، بەلكى ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشكە توسالغۇلۇق قىلىۋاتقانلىقى ۋە بەزىدە قىرغىز تەرەپنىڭ تەلەپلىرىگە سەل قاراۋاتقانلىقىدىن جىددىي ئەندىشە قىلماقتا" دېيىلگەن.
ماناس بازىسى مەسىلىسىنى ھۆكۈمەت قايتا قاراپ چىقىدۇ
16-دېكابىر كۈنى قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فېلىكىس قۇلوپ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ سالاھىيىتى مەسىلىسىنى قايتا مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى، يېقىن ۋاقىت ئىچىدە قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن يېڭى قارار چىقىرىپ، مىنىستىرلار كابىنېتىغا تاپشۇرۇدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەن ئەسكەرنى سوراققا تارتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەر بويىچە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا خەت يازغان بولۇپ، 18-دەكابىر كۈنى ئامېرىكا ئەلچىسى بۇ خەتكە جاۋاب قايتۇرغان، "قابار "ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئەلچىسى قىرغىزىستانغا ئۈچ پارچە دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرۇپ، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ قىرغىزىستان جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىگە تەۋە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئورگىنى خادىمىغا قىرغىزستانلىقنى ئۆلتۈرگەن مەزكۇر ھەربىي خادىم ھەققىدە سوئاللارىنى ئەۋەتىشىگە بولىدىغانلىقى شۇنىڭدەك يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ماناس ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆز ئارا نارازىلىق مەسىلىلىرىنى بىرلىكتە قاراپ چىقىدىغان ئامېرىكا –قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىرلەشمە كومىسسىيەسى قۇرۇش تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كېلىشىمىگە بىنائەن مەزكۇر ئەسكەرنى ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شاڭخەي ھەمكارلىقى ئامېرىكا بازىلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
نۆۋەتتە، قىرغىزىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا 1000 دەك ئامېرىكا ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. بۇ بازىنىڭ ئىجارە ھەققى قىرغىزىستاننىڭ مۇھىم مالىيە كىرىمى بولۇپ قالغان. ئەمما، 2005-يىلى ئاستانادا ئېچىلغان شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، ئاستانا خىتاپنامىسى ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىنى تاقاش تەلەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنىڭ قارشى-خان ئابادتىكى ھەربىي بازىسىنى تاقىغان. قىرغىزىستان تەرەپ بولسا، ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرمەي، ئۇزۇن ئوتمەيلا ئامېرىكىدىن ھەربىي بازىنىڭ كىرا ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى ھەمدە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇزغانلىقىغا نىسبەتەن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلىپ، ھەر يىلى 200 مىليون دوللار بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. قىرغىزىستان پارلامېنتى بۇ مەسىلىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەگەردە ئامېرىكىنىڭ كىرا ھەققىنى ئۆستۈرۈشكە قوشۇلمىسا، بازىنى تاقايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل يازدا ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بازىسىنىڭ داۋاملىق تۇرۇشىغا قوشۇلغان ئىدى.
قىرغىزىستان رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە
قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرى يەنىدىكى قەنت رايونىدا رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت ھاكىمىيەتكە چىققاندىن رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى كېڭەيدى شۇنىڭدەك رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ھەمدە خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ھەربىي-سىياسى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللەكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ئامېرىكا ھەربىي بازىسى خىتاي ۋە رۇسىيىنى بىئارام قىلغان بولۇپ، 13- دەكابىر كۈنى رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى سېرگېي ئىۋانوپ رۇسىيە دۇماسىدىكى يىغىندا، " قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقاش كېرەك" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلتۈرگەن مەزكۇر قىرغىزىستان پۇقراسى يەنى رۇس مىللىتىدىن بولغان ئاناتولىي ئىۋانوپنى " بىزنىڭ ۋەتەندەشىمىز" دەپ ئاتاش ئارقىلىق رۇسىيە پارلامېنتىنى قىرغىزىستاندىكى رۇسلارغا ئىگە چىقىشقا دەۋەت قىلغان.
نۆۋەتتە، قىرغىزىستان –ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى يەنە قانداق تەرەپكە يۈزلىنىدۇ؟ بۇنىڭدا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ رولى قانداق بولىدۇ؟ دېگەن سوئاللارنىڭ قويۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىلىق ئەسكەرنى سوتلاش تەلىپىنى رەت قىلدى
- قىرغىزىستان ئامېرىكا قىسىملىرىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى
- ئوتتۇرا ئاسىيا كىمگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ؟
- ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتى كۈتكەن نەتىجىنى بەردىمۇ؟
- نازاربايېۋ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى
- ئامېرىكا ئالىمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 15 يىللىق مۇستەقىللىقى ھەققىدىكى يەكۈنلىرى
- نۇرسۇلتان نازاربايېف 9 - ئاي ئاق ساراينى زىيارەت قىلىدۇ
- ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى قازاقىستاننى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان ماناس بازىسىدىكى بىر خادىمى يوقاپ كەتتى
- قازاقىستان پرېزىدېنتى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى