ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاقىۋىتى ئورنىتىشى ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. پارلامېنت ئەزالىرى ئىلگىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش قارارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بىراق بۇ قېتىم بۇرۇنقى قېتىمقىلاردىن ئالاھىدە كۈچلۈك تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئامېرىكا سودىسىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى
چارشەنبە كۈنى، جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى، دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە پارتىيىسىز گۇرۇھلارنىڭ ئەزالىرى بىر ئارىغا كېلىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىنىڭ سەھنىسىگە چىقىپ بىردىن - بىردىن سۆز قىلىپ، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ 2000 -يىلى خىتايغا بېرىلگەن مەڭگۈلۈك سودا ئالاقىسى ھوقۇقىنى قايتۇرىۋىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ۋېرمونت شىتاتىدىن كەلگەن، پارتىيىسىز گۇروھنىڭ ئەزاسى ساڭدېس، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، ساڭدېسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايغا بېرىلگەن مەڭگۈلۈك سودا ئالاقىسى ھوقۇقى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ سودا سىياسىتى سەۋەبىدىن، ئامېرىكىدا سودا ساھەسىدە زور چېكىنىش مەيدانغا كەلگەن، ئۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى: " بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، ئەگەر بىز خىتاي بىلەن مەڭگۈلۈك سودا ئالاقىسى ئېلىپ بارساق، ئامېرىكا بەرپا قىلغان ئۆزىگە خاس سانائەت ساھەسىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ تاشلايمىز، نەچچە مىليونلىغان يۇقىرى تېخنىكا، ئۇچۇر ساھەسى خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ بىتچىت بولىشغا يول ئاچىمىز".
شىمالىي كارولاينا شىتاتىدىن كەلگەن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى جىنس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتايغا بېرىلگەن مەڭگۈلۈك سودا ئالاقىسى ھوقۇقى، شىمالي كارولاينا شىتاتىغا ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ:
"بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بارەۋەر بولىشى كېرەك، خىتايغا بېرىلگەن بۇ ھوقۇق سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە مەن ۋەكىللىك قىلىۋاتقان شىمالىي كارولاينا شىتاتىدا نەچچە ئون مىڭلىغان ئىشچى خىزمىتىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ قانچىلىك زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ قېيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ خىل سودا كېلىشىمىگە جىددى بىر پوزىتسىيىدە بولىشىمىز كېرەك".
بۇرۇنقى ئۈمىد
2000 -يىلى، خىتايغا مەڭگۈلۈك سودا ھوقۇقى بېرىش ھەققىدە بېلەت تاشلىغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى "خىتايغا بېرىلگەن مەزكۇر ھوقۇق بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينى دېموكراتىيىگە ئېلىپ ماڭىدۇ" دەپ قارىغان ئىدى.
بىراق، كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى بولسا، خىتاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى يۇقىرىقى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئويلىغىنىدىن ناھايىتىمۇ يىراق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
كالىفورنىيىدىن كەلگەن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى باك ئەپەندىنىڭ قارىشى بولسا يەنە باشقىچە بولۇپ، ئۇ بۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ:
" بىر قىسىم كىشىلەر بىزگە، ئەگەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىپ مەلۇم بىر دەرىجىگە يەتكەندە، ئۇلار چوقۇم سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارىدۇ" دېگەن ئىدى، بىراق خىتايدا ھازىرغىچە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىدى.
خىتاي ئىلگىرىلەشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ
لېكىن، ۋاشىنگتوندىكى دېموكراتچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى مايكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى، ئۆز ۋاقتىدا بېرىلگەن قارارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مايك ئەپەندى مۇنداق دىگەن: " بىز خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە قارىشىمىز كېرەك، مەن 1997 -يىلى خىتايغا بارغان ئىدىم، ھازىر مەن 1997 -يىلدىن ھازىرغا قەدەر خىتايدا ئىنتايىن زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بايقىدىم، گەرچە ئۇلاردا يەنىلا بىر قىسىم مەسىلىلەر مەۋجۈت بولسىمۇ، ئەمما مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەمەس، مېنىڭچە خىتاي ھازىر ئاكتىپلىق بىلەن ئىلگىرلەشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ".
خىتايغا قارىتا مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھوقۇقى بېرىشنى بىكار قىلىشقا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان ساڭدېس ئەپەندى، خىتايغا بېرىلگەن مەڭگۈلۈك نورمال سودا ھوقۇقىنى بىكار قىلىش قارارىنىڭ 50 نەچچە پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: " شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز چوقۇم نەتىجە كۆرسىتىدۇ، بىزنىڭ سېپىمىزگە يەنە نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى قوشۇلۇپ، ھۆكۈمەتتىن، خىتايغا بېرىلگەن بۇ ھوقۇق ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن كۈزىتىش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (ئەقىدە)