ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى كوفى ئانناننى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى


2005.12.01

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى كوفى ئاننان 4 - دېكابىر كۈنىدىن 7 - دېكابىر كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ. ئۇ خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەردە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى.

كوفى ئانناننىڭ بۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە خىتايدا ئېلىپ بارماقچى بولىۋاتقان زىيارىتى، ئەلۋەتتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرى ھەمدە چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يېقىندىن دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىلەر كوفى ئاننانغا ئايرىم - ئايرىم مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ياخشىلىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.