دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي قوشنا دۆلەت ياكى مىللەتلەر بىلەن تارىخنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ئورتاق چۈشەنچىگە كېلىدىغان دۆلەت ئەمەس
2006.11.20
11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ۋيېتنامنىڭ خانۇي شەھىرىدە ئېچىلغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك يىغىنىدا، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا، يىللاردىن بۇيان توقۇنۇش پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخىي ۋەقەلەرنى ئىككى دۆلەت بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا كېلىشكەن. بۇنى ھازىر بىر قىسىم ئۇچۇر ۋاستىلىرى، خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ يىللاردىن بۇيان توقۇنۇش پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخىي ۋەقەلەرنى ئىككى دۆلەت بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا كېلىشكەنلىكىنىڭ ئۆزىلا بىر ئەھمىيەتلىك ئىش، دەپ قارىماقتا. 'يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان بىر ئوبزوردا بولسا خىتاينى تېخى بىر نومال دۆلەت ئەمەس، دەپ تەھىلىل قىلىپ، ئۇنى ياپونىيىگە ئوخشاش بىر نورمال دۆلەتكە ئايلىنىشقا، 'تارىختىكى ۋەقەلەر' گە ئېسىلىۋېلىپلا تۇرماي، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشقا چاقىرغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ياپونىيىنىڭ زاماننىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىنتايىن نورمال بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا ئايان. خىتايمۇ شۇنداق بىر نورمال دۆلەت بولۇشى لازىم ئىدى ئەلۋەتتە. ئەمما خىتاي تېخى ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر خىتاي ياپونىيىنىڭ نورمال روھى ھالەتتىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلىسە، ئاندىن خىتاينىمۇ نورمال دۆلەت دېگىلى بولاتتى. ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى 'ئوڭچىلار' نىڭ قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىغان بىر كۈن بولغانغا ئوخشاش، خىتاي تەرىپىدىن 'ئۇرۇش خىنايەتچىسى' دەپ ئاتىۋېلىنغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بىر قىسىم ياپونلۇقنىڭمۇ قالپىقىنى 60 يىلدىن كېيىن ئېلىپ تاشلايدىغان بىر كۈن بولۇشى كېرەك. ياپونىيىنىڭ تۈزۈمى ياكى سىياسىتى پەيدا قىلغان مەسىلىنى ياپون خەلقى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، ئۇنىڭغا خىتاي چات كېرىۋالماسلىقى كېرەك. خىتاي ياپونىيىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈشنى خالايدىغان تىنچلىق سىياسىتىگە كۆز يۇمۇپ، 'تارىختىكى ۋەقەلەر'گىلا ئېسىلىۋېلىپلا تۇرماي، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشى كېرەك. زامانىمىزدا پاكىتلارغا ھۆرمەت قىلمايدىغان دۆلەتنى نورمال دۆلەت دېگىلى بولمايدۇ.
ھازىر تەيۋەندىكى چىڭيۈن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تارىخچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گەرچە خىتاي ياپونىيە بىلەن يىللاردىن بۇيان توقۇنۇش پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخىي ۋەقەلەرنى ئىككى دۆلەت بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا كېلىشكەن، خىتاينىڭ زىيالىيلىرى ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە ئوبىكتىپراق بىر تارىخ يېزىپ چىقالىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دۆلەت سۈپىتىدە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە تارىخ يېزىپ چىقالمايدۇ. ھازىر بىرلىكتە تەتقىق قىلىمىز دېگىنى، پەقەت بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈنلا ئېيتىلغان سۆز بولۇشى مۇمكىن.
خەلقئارادا بىر قىسىم ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھازىر خىتاي بىلەن ياپونىيىنىڭ يىللاردىن بۇيان توقۇنۇش پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخىي ۋەقەلەرنى ئىككى دۆلەت بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ، ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا كېلىشكەنلىكىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، بۇنى ئوخشىمىغان دۆلەت ياكى ئوخشىمىغان مىللەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان بىرلىككە كېلىنمىگەن، توقۇنۇش پەيدا قىلىۋاتقان تارىخىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدىغان يېڭى چارە ياكى يېڭى ئۈلگە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ تەھلىل قىلىشقان ئىدى. ئەمما دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ جەھەتتە خىتايدىن، بولۇپمۇ، ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىدە توقۇنۇش پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە خىتايدىن ھەرگىز ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كانادا سودا ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلمايدۇ
- خىتاي تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت-تەبىئىي گاز ئېچىشتا چەتئەل شىركەتلىرىگە تۇنجى قېتىم ئىشىك ئاچتى
- ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنتەرتىبىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت
- تۈركىيىدە خىتاينىڭ جەنۇبىي كاۋكازىيە سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇر داۋاسى يېڭى بىر باسقۇچقا كىردىمۇ؟
- تۈركىيىدىكى تېلېۋىزيە قاناللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە يەر بەرمەكتە
- "سوتسىئالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش" ئۇيغۇر خەلقىغە نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟