0:00 / 0:00
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قانات يايدۇرىۋاتقان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا زور مەنپەئەت ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى ياراتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىماقتا.
ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە سىياسى ئۆكتىچىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتا ئوخشىمىغان پىكىر ۋە كۆز قاراشلاردا بولدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيتوف ئەپەندى مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.