"شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونلۇق..." دىكى "ئۇيغۇر" قېنى؟
2006.03.29
ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتاپ كەلگەن بۇ زېمىننى 1949 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىگىلىۋالغان ۋە 1955 - يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى بويىچە، "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" قىلىپ ئۆزگەرتكەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى" ئۇيغۇر" نامى بۇ دىيار، بۇ زېمىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ھەر قانداق يازما، مەتبە، تەشۋىقاتلاردا تولۇق ئېلىنىشى شەرت ئىدى.
ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت تامغا ھەم ھۆججەتلىرىدىن تارتىپ، ئېلان ۋىۋىسكىلىرىغىچە "ئۇيغۇر" سۆزى چىقىرىپ تاشلىنىپ پەقەت "شىنجاڭ" ياكى "شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى" دەپ ئىشلىتىش مەسىلىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا ھەمدە ئىگە بولغان بەزى ئىسپات خاراكتېرلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغىنىمىزدا، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا كۈرەش قىلىپ كەلگەن. يېقىنقى زامان تارىخىنى ۋاراقلىغىنىمىزدىمۇ، ئەخمەتجان قاسىم باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى قوغداش يولىدا خىتاينىڭ سۈيقەستىگە ئۇچراپ قۇربان بولغان. ئەمما، دەۋرىمىزگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ھەر قايسى ھۆججەتلەردە "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" قىلىپ يېزىش ئورنىغا "ئۇيغۇر" سۆزىنى تاشلىۋىتىپ، "شىنجاڭ" ياكى "شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى" قىلىپ يېزىشىقا ئوخشاش ھالەتلەر، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىقلارنى پەيدا قىلغان.
زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان "ئۇيغۇر" يوقالماقتا
ئىلگىرى ھەر قانداق يازمىلاردا "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" سۆزى ئۇيغۇر يېزىقىدا چوڭ قىلىپ يۇقىرىغا، خىتايچىسى كىچىك قىلىپ تۆۋەنگە يېزىلىپ كەلگەن بولسا، نۆۋەتتە بۇنداق يېزىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچىسى كىچىك تۆۋەنگە، خىتايچىسى چوڭ قىلىپ يۇقىرىغا يېزىلغاندىن باشقا ھەممىدىن ئېغىر مەسىلە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى ئىدارە- ئورگان ۋىۋىسكىلىرىمۇ، ئېلان تاختىلىرى ھەتتا ھۆكۈمەتتىن تارقىتىلىدىغان ھۆججەتلەردىكى تامغىلاردىنمۇ بۇ جاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تېررىتورىيىلىك جايى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان "ئۇيغۇر" سۆزىنى چۈشۈرۈپ قويۇش مەسىلىسى بارغانچە ئېغىرلىماقتا ئىكەن. شۇنداقلا بۇ بارا -بارا سەل قارىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1984- يىلى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئېچىلغان 6 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىدا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى قايتا ئۆزگەرتىپ ماقۇللىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ 21 - ماددىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئورگانلىرى ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ جايدا كەڭ قوللىنىۋاتقان بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل - يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ، ئاپتونومىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا تېررىتوريىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ. شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا مىللىي سىياسەت تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى دائىم تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىپ تۇرۇشى لازىم".
نۆۋەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلار "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دەپ ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا "ئۇيغۇر" سۆزىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىپ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى قىلىپ ئىشلىتىلىشنىڭ ئومۇمىيلىشىۋاتقانلىقىغا ئېغىر بىر مەسىلە سۈپىتىدە دىققەت قىلماقتا.
بۇ ھەقتە بىز ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇن ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان يېقىندا چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئەپەندىم گېزىت، تېلېۋىزور ھەتتا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ "ئۇيغۇر" نامىنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ ئىشقا بىخەستەلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنداق ئىشلىتىشىدە قارا نىيەت يوشۇرۇنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر مەسىلىسى- مىللى مەسىلە شۇنداقلا دېموكراتىيە مەسىلىسىدۇر
- خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر كىشىلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالامدۇ؟
- تۈركىيە ۋە شۋېتسىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش
- گېرمانىيە ۋە نورۋىگىيىدە خىتايغا قارشى نامايىش
- ئەندىشە ۋە زەربە ئاستىدىكى 50 يىللىق مۇراسىم (3)
- ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆكتەبىر بايرىمىغا بولغان ئىنكاسلىرى
- ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيىدىن ھەقىقەتەن بەھرىمان بولىۋاتامدۇ؟
- ئەندىشە ۋە زەربە ئاستىدىكى 50 يىللىق مۇراسىم (2)