خىتايدا "نامراتلار" دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا "ئاق كۆڭۈل ئادەملەر" دەپ قوللىنىش ئومۇملاشماقتا
2005.11.07
"كۆزىتىش ژورنىلى" نىڭ 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىكى سانىدا بايان قىلىنىشىچە، "فوربېس" ژورنىلى يېقىندا بېيجىڭدا 2005 - يىلىدا يېتىشىپ چىققان بايلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ، بۇلتۇرقى بايلار تىزىملىكىدىكى 200 ئادەم 400 گە يەتكەن.
ئۇلارنىڭ بايلىقى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 38%دىن كۆپىيىپ، ئېرىشكەن مۈلكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 يۈز مىليون يۇئەندىن ئاشقان. "فوربېس ژورنىلى" نىڭ باش مۇھەررىرى مۇخبىرلارغا ئەھۋال تونۇشتۇرغاندا "بۇ ئاساسەن، خىتايدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش جەريانىدا يېتىشىپ چىققان بايلار. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي-زېمىن تىجارىتى ۋە ئىنتېرنېت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ تىز بېيىغانلار ئەڭ كۆپ. بۇنىڭدا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ ئىقتىسادىي مازغاپ مەسىلىسى، مۇشۇ ئىككى خىل تىجارەتتە مازغاپ ئەڭ كۆپ. شۇڭلاشقا بۇلاردا ھازىر، خۇددى شاڭخەيدە ئۆي باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كەتكەندەك ھادىسە يۈز بېرىشى مۇمكىن" دېگەن.
ئاق كۆڭۇل ئادەملەر نامراتلار ئارىسىدا قالدى
"كۆزۈتۈش ژورنىلى" دا خىتاي جەمئىيىتىدىكى بايلار بىلەن نامراتلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي جەمئىيىتىدە ھازىر تىز باي بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنى ھېچكىم "ئاق كۆڭۈل ئادەم" دەپ ئاتىمايدۇ. ئەمما بىركىم "ئاق كۆڭۈل ئادەم" دەپ ئاتالسا، كىشىلەر ئۇنىڭ چىرىكلەشكەن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئەمەس، بەلكى ، چوقۇم نامرات ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. خىتاي جەمئىيىتىدە ھازىر نامراتلارنى "ئاق كۆڭۈل ئادەم" دەپ ئاتاش ئومۇملىشىۋاتىدۇ. شەھەرلەردە يول سورىغانلارغا ھەقسىز يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، سورىغان سۇئاللىرىغا راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىدىغان، تىلەمچىلەرگە يانچۇقىدا قالغان بىر نەچچە يارماقنى بېرىۋىتىدىغان، كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن قۇرۇلغان "ئۈمىد فوندى" غا كۆڭۈل - كۆكسىدىن كۆيۈنۈپ ئىئانە بېرىدىغان، ھاجەتمەنلەرگە خالىسانە ياردەم بېرىدىغان، يىراقتىن ئۇرۇق -تۇغقانلىرى كەلسە، ئۆزلىرى يېيىشكە كۆڭلى قىيمىغان قېرى توخۇسىنى ئۆلتۈرۈپ مېھمان قىلىدىغان ئادەملەر ئادەتتە "ئاق كۆڭۈل ئادەم" دەپ ئاتىلاتتى. بۇنداق ئادەملەر ھازىر پەقەت نامراتلار ئارىسىدىلا قالدى. خىتايدا ھېلىمۇ ئۆمۈر بويى ئۆزلىرى يېمەي-ئىچمەي پۇل يىغىپ بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان دېھقانلار بار، ئۆمۈر بويى "دۆلەت مەنپەئەتى" دېيىلگەن مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ خۇسۇسىي مەنپەئەتىنى پۈتۈنلەي قۇربان قىلىۋېتىپ، ئادەتتە دەرت ئېيتماي، تاپا-تەنە قىلماي غۇربەتچىلىككە چىداپ ياشاۋاتقان ئىشچىلار بار. خىتايدا دېھقانلار ۋە ئىشچىلار ئىچىدە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بۇنداق ئاق كۆڭۈل ئادەملەر "تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر" دەپ ئاتىلىدۇ. بايلار ھازىر مۇشۇ تەبىقىدىكىلەرنى "نامرات" دەپ ئاتاشنىڭ ئورنىغا "ئاق كۆڭۈل ئادەم" دېگەن سۆزنى قوللىنىدىغان بولغان. خىتايدا 50 نەچچە يىلدىن بۇيان "ئەڭ چوڭ كاپىتالىست" دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان روڭ يىرېن ئەپەندى يېقىندا ئۆلگەن ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى "كوممۇنىزم جەڭچىسى" دەپ ئېلان قىلدى. شۇڭلاشقا ھازىر بايلارنى، بولۇپمۇ نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تىزدىنلا باي بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنى ھېچكىم "ئاق كۆڭۈل ئادەم" دەپ ئاتىمايدۇ.
مەكتەپتە بېرىلگەن تەربىيە ناتوغرا
"كۆزىتىش ژورنىلى" دا ئېلان قىلىنغان بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئەخلاقىي پەرقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەردە، خىتايدىكى مەكتەپ تەربىيىسى ۋە ئائىلىۋى تەربىيىنى كۆزىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، مەكتەپتە بالىلارغا ئادەتتە "دۆلەت ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇش"، "4 نى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش" دەپ تەربىيە بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار كەلگۈسىدە دۆلەت ئەمەلدارى بولۇشقا رېغبەتلەندۈرۈلگەن. ئەمما ھېچقانداق بىر مەكتەپتە بالىلارنى كەلگۈسىدە "ئاق كۆڭۈل ئادەم" دەپ ئاتىلىدىغان دېھقان بولۇشقا يېتەكلىمەيدۇ. مائارىپ ساھەسىدە قانداشلىق مۇناسىۋەت سۈرۈشتۈرۈش ئىنتايىن ئەۋج ئالغان. ئوقۇشتا نەتىجىسى ھەر قانچە يۇقىرى بولسىمۇ، ھۆكۈمەت بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان "ئاق كۆڭۈل ئادەم" لەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ خىتاي جەمئىيىتىدىكى بىرخىل ئىنتايىن غەلىتە ئەھۋال. خىتايدا سىياسىيونلار قولىدىن كەلگەن ھېلە-نەيرەڭنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىدۇ، سودىگەرلەرمۇ قولىدىن كەلگەن رەڭۋازلىقنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ. ئۇلارنى بىركىم چەكلىيەلمەيدۇ. جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇشى ئالدى بىلەن زىيالىلار قاتلىمىدىن باشلانغان. خىتاي جەمئىيىتىدە ھازىر "ئاق كۆڭۈل ئادەم" بولۇش پەقەت نامراتلارنىڭلا "پاتېنت ھوقۇقى" بولۇپ قالغان.
"كۆزىتىش ژورنىلى" دا ئېلان قىلىنغان بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئەخلاقىي پەرقى ھەقتىكى مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ھازىر تېخنىكا خادىملىرى كام ئەمەس، مىللىي قەھرىمانلار كام ئەمەس، ئەگەر بىرنەرسە كام دېيىلسە، پەقەت جەمئىيەتنى بەدنىيەتلەردىن خالى قىلىپ، ئۇنىڭ بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قۇرۇتۇلماي كېلىۋاتقان يىلتىزىنى قۇرۇتۇپ، دۆلەتنى بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن دۇنياغا ماسلىشىدىغان يولغا باشلاشقا بەل باغلىغان ئاق كۆڭۈل مۇتەپەككۈرلەر ۋە ئاق كۆڭۈل ئىدىيە كام. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ يېڭى باج سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى باي قىلامدۇ؟
- ئاسىيا-تىنچ ئوكيان شەھەر باشلىقلىرى ئالىي يىغىنى چوڭچىڭدا ئېچىلدى
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان داۋالاش ئىسلاھاتى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى
- خىتايدا نامراتلار مەسىلىسى ئېغىرلاشماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى يەنىلا تۆۋەن