خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ئاپتونومىيە مەسىلىلىرى بويىچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى
2005.02.28
خىتاي دۆلەت كابىنتى 28 - فېۋرال كۈنى "خىتايدىكى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار" نامىدا مىللىي مەسىلىلەر بويىچە، جەمئىي 12 مىڭ خەتلىك ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.
كىتابتا خىتايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكى، 1949 - يىلى 9- ئايدىن باشلاپ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلگەن مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكى، 2003 - يىلغىچە خىتايدا جەمئىي 155ئاپتونومىيىلىك جاي قۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 5 مىللىي ئاپتونۇم رايون، 30 ئاپتونۇم ئوبلاست ھەمدە 120 ئاپتونۇم ناھىيە قاتارلىق ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمان قىلىنغانلىقلىرى تىلغا ئېلىنىپ، مىللىي ئاپتونوم رايوندىن باشقا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئالاھىدىكىگە قاراپ، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونۇم ناھىيە قاتارلىق ئاپتونومىيە سىياسەتلىرىنى قوللىنىپ مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مىللىي ئاپتونومىيىلىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى تۇنجى ئاق تاشلىق كىتاب
بۇ خىتاينىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە تۇنجى قېتىم ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاق تاشلىق كىتابتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ مىللەتلەرنى قايسى ھوقۇقلاردىن بەھرىمان قىلغانلىقى ئومۇمىي جەھەتتىن يەكۈنلىنىپ، ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ قانۇن چىقىرىش، تىل -يېزىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى شۇنداقلا ئۆرپ -ئادەتلىرىنى قوغداش ئەركىنلىكى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەمەس، ئۆزىنىڭ خىتاي مىللىتىنىڭمۇ ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان بۈگۈنكى خىتايدا، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچالمايمىز.
ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە خىتاي يېقىنقى زامان تارىخىدا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان تىبەت مۇستەقىلچىلىرى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى، مانجۇرىيە مۇستەقىلچىلىرىگە ئوخشاش بۆلگۈنچى كۈچلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، خىتاينىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيىدىن بەھرىمان بولۇپ باقمىغان
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشى، چەتئەللەردىكى تىبەت ھەم ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق ئىنكاسلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئۇلار خەلقارا مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابقا رەددىيە بەرمەكتە.
تەيۋەن مەركىزى ئاخباراتى ھەمدە ئامېرىكىدىكى بىر قانچە خەلقارالىق مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە بولماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ بۇ كىتابنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئىكەنلىكى، ئۆز رەھبەرلىرىنى سايلاش ۋە ئەڭ ئاددىي ئىنسان ھوقۇقلىرىغا ئېرىشمىگەن ئۇيغۇرلاردا، ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، مۇستەقىللىققا ئېرىشمىگىچە ھەقىقى ئىنسان ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
رىچىڭ جاشى: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچالمايمىز
خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەر ئۆتكۈر رايوننىڭ يەنە بىرى - تىبەت ئاپتونۇم رايونى. چەتئەللەردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرىمۇ تىبەت خەلقىنىڭمۇ ئوخشاشلا ھېچقاچان خىتاينىڭ ئاتالمىش ئاپتونومىيە ھوقوقىدىن بەھرىمان بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار بىردەك خىتاي ئېلان قىلغان مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئىنكار قىلماقتا. ئامېركىدىكى خەلقارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن رىچىڭ جاشى بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بەردى:
"خىتاينىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدا ھىچ بىر يېڭىلىق يوق. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا، تەشۋىقاتىدا بارلىق مىللەتلەر باراۋەردەك، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندەك كۆرسۈتۈپتۇ. بىراق، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەمەس، ئۆزىنىڭ خىتاي مىللىتىنىڭمۇ ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان بۈگۈنكى خىتايدا، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچالمايمىز.
خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى خىتاي دېگەن كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت دەپ كۆرسىتىدۇ، ئەمما بىزنى ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئايرىيدۇ، بۇنىڭ ئۆزىدىلا زىددىيەت بار، خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈنلا ئۇلارنى مىللەتلەرگە ھەم مىللىي رايونلارغا ئايرىيدۇ، رايونلارنىڭ ئۆزىنىمۇ يەنە نەچچە رايونغا ئايرىيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ھوقۇقى كاپالەتلەنمىگەن. ئاپتونۇم رايونلارنى باشقۇرىدىغان سېكرىتارلارنىڭ ھەممىسى خىتاي. بۇ مەسىلىنىڭ ئۆزىلا بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەردە ئەڭ ئاساسىي سىياسىي ھوقۇقنىڭ يوقلىقىنى كۆرسىتىدۇ".
ئارقا كۆرۈنۈش
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ئاپتونومىيىلىك مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابىنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى بىلەن بىر كۈندە ئېلان قىلىشى تاشقى دۇنيانىڭ سەزگۈرلىكىنى قوزغىماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەزگىلدە سەزگۈر بولغان مىللىي مەسىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىشىدىكى مەقسىدى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىۋاتقان، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىۋاتقان ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا ئاز قالغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خەلقارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، خىتاينىڭ دۈشەنبە كۈنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك مەسىلىلەر بويىچە ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرىغا قانداق باھا بېرىدىغانلىقى، بۇ كىتابنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق يىللىق دوكلاتى بىلەن تەڭ ئېلان قىلىنىشىدىكى تاسادىپىيلىققا قانداق قارايدىغانلىقىغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغىنىمىزدا، خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل كەترىنا خانىم بۇ ھەقتە سەيشەنبە كۈنى مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى رەسمى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ "مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىسى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدىكى تارىخى ئاساسلارنىڭ ئاساسى بارمۇ؟
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى
- كىشىلىك ھوقۇق كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2004 - يىللىق دوكلاتى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ "مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى" غا ئىنكاس قايتۇردى