ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ خىتاينىڭ "تىنچلىق تەرەققىيات يولى" ئاق تاشلىق كىتابىغا قارىشى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا "جۇڭگونىڭ تىنچلىق تەرەققىيات ئاق تاشلىق كىتاب" ئىنى ئېلان قىلىپ، "جۇڭگو دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، ئوخشاشلا دۇنيامۇ روناق تېپىش ئۈچۈن جۇڭگوغا مۇھتاج بولىدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

كىتابتا ئاساسلىق، خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى، ھەربىي، ئىقتىسادىي، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەدىلىيە - قانۇن قاتارلىق جەھەتلەردە خەلقئارا جەمئىيەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ھەمدە بەزى نامرات دۆلەتلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن، ئەمما ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ ياپونىيە ۋە ھەتتا دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن تەھدىت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

تۈركىيىدىكى ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ، ئەنقەرە ھاجىتۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى قانداق؟

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.